سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ سۇمى ئوبلاستىدىكى باسىۋكانى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
بۇ ھەرىكەتكە موسكۋانىڭ چېگرا لىنىيەسىدە تەڭپۇڭ رايون قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارالماقتا.
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ سۇمى ئوبلاستىدىكى باسىۋكانى ئىشغال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
Russia's defence ministry said that it had taken the village of Basivka, just over the border from Sudzha, and had struck Ukrainian forces at 12 other points in the Sumy region. / Reuters

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سۇمى ئوبلاستىغا جايلاشقان باسىۋكا يېزىسىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى ۋە بۇ رايوندىكى نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايونلاردا ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ پارتلىغىنىغا ئىككى يىلدىن ئاشقان بىر پەيتتە، كىيېۋ 2023-يىلى ئاۋغۇستتا مىڭلىغان ئەسكىرىنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ رۇسىيەنىڭ كۇرسكى ئوبلاستىغا ئەۋەتكەنىدى. لېكىن يېقىنقى ئايلاردىكى رۇسىيە ھۇجۇملىرى ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى كۇرسكىدىن چېكىندۈردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن چېگرا بويلاپ بىر تەڭپۇڭ رايون قۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىگەنىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۇدژا چېگرا ئېغىزىغا يېقىنلا يەرگە جايلاشقان باسىۋكا يېزىسىنىڭ رۇسىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ۋە سۇمى ئوبلاستىدىكى 12 ئايرىم نۇقتىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرىغا زەربە بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ گورنال، گۇئېۋو ۋە ئولېشنيا قاتارلىق رۇسىيە ئىچىدىكى ئولتۇراق رايونلارغا ئورۇنلاشقان ئۇكرائىنا قىسىملىرىنى قوغلاپ چىقارغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارغىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى كۈندىلىك كۆزىتىپ تۇرىدىغان، ئۇكرائىنا تەرەپدارى DeepState  نىڭ خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا، ئۇكرائىنا ھازىر رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تەخمىنەن 63 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايوننى كونترول قىلماقتا. بۇ كۆلەم كىيېۋ ئۆتكەن يىلى ئىگىلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن 1400 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايونغا سېلىشتۇرغاندا زور دەرىجىدە تارايغان.

چېگرا لىنىيەسىدىكى باسىۋكانى ئۆز ئىچىگە ئالغان 81 كىۋادرات كىلومېتىرلىق رايون بولسا، «كونترول قىلىنىش ئەھۋالى نامەلۇم» رايون دەپ تۈرگە ئايرىلماقتا.

رۇسىيە ھازىر ئۇكرائىنا زېمىنىنىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىرىنى ئىگىلەپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇ زېمىنلار ئىچىدە 2014-يىلى ئۆزىگە قوشۇۋالغان قىرىمنىڭ ھەممىسى، لۇگانىسكىنىڭ ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسى، دونېتسكى، زاپورىژژىيا ۋە خېرسون ئوبلاستلىرىنىڭ يۈزدە 70تىن كۆپرەكى بار. بۇنىڭدىن باشقا، خاركىۋ ئوبلاستىنىڭ ئاز بىر قىسمىمۇ رۇسىيەنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا تۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى