قىبرىستىكى ئەنگلىيە ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى

قىبرىس ئارىلىدىكى ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئاكروتىرى بازىسى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

By
قىبرىستىكى ئەنگلىي ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى ھۇجۇمغا ئۇچرىدى / Reuters

مەزكۇر ھۇجۇم، ئەنگلىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىغا قارشى «مۇداپىئە» ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن، ئارالدىكى بازىلىرىنى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىشىدىن كېيىن يۈز بەردى.

ئەنگلىيە قىسىملىرى قىبرىس ئارىلىغا جايلاشقان ئاكروتىرىدىكى ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى (RAF) بازىسىغا قارىتىلغان گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا قارشى مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتتى. ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئەسلىھەلەرنى نىشانلىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى توسۇپ قېلىندى. ۋەقەدە تالاپەت كۆرۈلۈپ – كۆرۈلمىگەنلىكى ھەققىدە تېخى مەلۇمات بېرىلمىدى.

مەنبەلەر دۈشەنبە كۈنى، قىبرىس ئارىلىنىڭ ئاكروتىرى رايونىدىكى ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنىڭ ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ توسۇپ قېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. قىبرىس رۇم تەرەپ دائىرىلىرى بولسا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنىڭ ئەنگلىيە بازىسىغا زىيان سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى ھۇجۇمنىڭ تۈن نىسپىدە ئاكروتىرىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردىكى قىسىملارنىڭ مۇداپىئە ھالىتىگە ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.

دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «رايونىدىكى قىسىملىرىمىزنىڭ مۇداپىئە سەۋىيەسى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچتا تۇرماقتا، بازىمىز خادىملىرىمىزنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما زەربە بەردى» دېدى.

«مۇداپىئە تەدبىرلىرى»

بۇ ۋەقە، ئەنگلىيە يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ۋە قويۇپ بېرىش سۇپىلىرىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلغان «مۇداپىئە» زەربىلىرى ئۈچۈن، ئارالدىكى ئەنگلىيە ھەربىي بازىلىرىنى ئىشلىتىشكە قوشۇلۇشىدىن كېيىنلا يۈز بەردى.

ئەنگلىيە خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيەسىگە تەۋە بولغان ئاكروتىرى بازىسى ئەنگلىيەنىڭ قىبرىس ئارىلىدىكى دېڭىز ھالقىغان زېمىنى دەپ ھېسابلىنىدۇ.

لوندون يېقىندا «مۇداپىئە تەدبىرلىرى» سۈپىتىدە، ھاۋا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى مۇداپىئە سىستېمىلىرى، رادارلار ۋە «F-35» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوشۇمچە ھەربىي كۈچلىرىنى ئاكروتىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر، ئەنگلىيە بازىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن مۇداپىئە خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئۈچۈن ئىشلىتىلىشىگە بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندا، ئەنگلىيەنىڭ «ئىرانغا قارىتىلغان دەسلەپكى ھۇجۇملارغا قاتناشمىغانلىقىنى، ھازىرمۇ قاتناشمىغانلىقىنى  ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھۇجۇم ھەرىكىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى» تەكىتلىدى.

كېير ستارمېر ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىراق ئىران ۋەيران قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللانماقتا، شۇڭا بىز رايوندىكى ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ ۋە خەلقىمىزنىڭ كوللېكتىپ ئۆز-ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشىنى قوللايمىز» دېدى.