فىلىپپىندا «فۇڭ-ۋوڭ» بورىنىنىڭ شىددىتى ئۆرلىدى

فىلىپپىندا «فۇڭ-ۋوڭ» بورىنىنىڭ شىددىتى ئاشتى؛ كەڭ كۆلەملىك تارقاقلاشتۇرۇش ۋە ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

By
فىلىپپىندا «فۇڭ-ۋوڭ» بورىنىنىڭ شىددىتى ئۆرلىدى / AP

فىلىپپىندا 204 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «كالمائېگى» تەيفىڭ بورىنىدىن كېيىن، «فۇڭ-ۋوڭ» قاتتىق يامغۇر، ۋەيران قىلغۇچ شاماللار ۋە بوران دولقۇنلىرى خەۋپىنى ئېغىرلاشتۇردى.

«فۇڭ-ۋوڭ» بورىنىنىڭ يەكشەنبە كۈنى دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفىڭ بورىنىغا ئايلىنىشىغا ئەگىشىپ، فىلىپپىننىڭ شەرقىي ۋە شىمالىي رايونلىرىدا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئاھالە تارقاقلاشتۇرۇلدى. تەيفىڭ بورىنىنىڭ كۈننىڭ كېيىنكى يېرىمىدا رايونغا يېتىپ كېلىشى كۈتۈلۈۋاتقان بولۇپ، قاتتىق يامغۇر، ۋەيران قىلغۇچ شاماللار ۋە بوران دولقۇنلىرى خەۋپىنى شەكىللەندۈرمەكتە.

فىلىپپىننىڭ كەڭ جايلىرىدا ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى ئېسىلدى. كاتاندۇئانېس بىلەن كامارىنېس نورتې ۋە كامارىنېس سۇرنىڭ دېڭىز قىرغىقى رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي جەنۇبىي لۇزوندا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاگاھلاندۇرۇش بولغان 5-نومۇرلۇق سىگنال ئېلان قىلىندى، مېترو مانىلا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى ئۈچۈن 3-نومۇرلۇق سىگنال يولغا قويۇلدى.

بورانننىڭ تېزلىكى سائىتىگە 185 كىلومېتىر (115 مىل)، ئاندا-ساندا سائىتىگە 230 كىلومېتىرغا يېتىدىغان كۈچلۈك شاماللار بىلەن، دەرىجىدىن تاشقىرى تەيفىڭ بورىنى «فۇڭ-ۋوڭ» نىڭ — يەرلىك نامى بىلەن «ئۇۋان» — ئەڭ بالدۇر يەكشەنبە كېچىسى مەركىزىي لۇزوندىكى ئارورا ئۆلكىسىدە قۇرۇقلۇققا چىقىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

شەرقىي ۋىساياسنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئاللىقاچان توك توختاش ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن ئىدى.

كامارىنېس سۇردىكى فىلىپپىن دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ھەمبەھىرلىگەن بەزى سۈرەتلەردە، ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك تارقاقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى جەريانىدا تارقاقلاشتۇرۇلغانلارنىڭ سومكا ۋە شەخسىي بويۇملىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇزۇن، تار يولۇچىلار كېمىلىرىدىن، ساقلاپ تۇرغان يۈك ئاپتوموۈىلىرىغا چىقىۋاتقانلىقى كۆرۈنىدۇ.

300 ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىندى

ئاممىۋى ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 300 دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارالىق ئايروپىلان سەپىرى بىكار قىلىنغان.

ABS-CBN News نىڭ X تورىدا ھەمبەھىرلىگەن بىر سىن كۆرۈنۈشىدە، كاتاندۇئانېس ئۆلكىسىدىكى بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا رايى كۆرسىتىلگەن؛ قاراڭغۇ ئاسمان، دەرەخ شاخلىرىنىڭ شامالدا قاتتىق تەۋرىنىشى ۋە رايونغا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يېغىۋاتقان ھەمدە ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان شىددەتلىك يامغۇر.

فىلىپپىنغا بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى بېسىپ كېلىپ، 204 ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان «كالمائېگى» تەيفىڭ بورىنىدىن كېيىن، «فۇڭ-ۋوڭ» فىلىپپىنغا يېقىنلاشتى؛ «كالمائېگى» فىلىپپىندىن كېيىن ۋيېتنامغا يېتىپ بېرىپ، يەنە بەش ئادەمنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا ۋە دېڭىز بويىدىكى مەھەللىلەرنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشىغا سەۋەب بولغان.

ۋيېتنامنىڭ مەركىزىدىكى ۋۇڭ چېئو بېلىقچىلىق كەنتىدە شەنبە كۈنى بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ئاساسلىق يول بويىدا ۋەيران بولۇپ دۆۋىلىنىپ كەتكەنلىكى كۆرۈلدى؛ بۇ رايوندا يۈزلىگەن قومۇش بېلىقى باقمىچىلىق زاۋۇتلىرىنىڭ ئېقىپ كەتكەنلىكى ياكى بۇزۇلغانلىقى خەۋەر قىلىندى.