سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەرمېنىيە پاسپورت تامغىلىرىدىكى ئاغرى تېغى سۈرىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، يەنى 1921-يىلى ئىمزالانغان قارس كېلىشىمى دائىرىسىدە بېكىتىلگەنىدى.
ئەرمېنىيە پاسپورت تامغىلىرىدىكى ئاغرى تېغى سۈرىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى
ئەرمېنىيە پاسپورت تامغىلىرىدىكى ئاغرى تېغى سۈرىتىنى ئەمەلدىن قالدۇردى / AA

ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى دۆلەتكە كىرىش ۋە چىقىشتا پاسپورتلارغا بېسىلىدىغان تامغىلاردىكى ئاغرى تېغى سىمۋولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، 2025-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئاغرى تېغى سىمۋولى بولغان تامغىلار قايتا ئىشلىتىلمەيدىكەن.

ئاغرى تېغى تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە بىلەن بولغان چېگراسىغا يېقىن بىر رايونغا جايلاشقان.

ئەرمېنىيە ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرى ئارسېن توروسيان ئامېرىكادا قۇرۇلغان ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تە ھەمبەھرىلىگەن ئۇچۇرىدا، يېڭىلانغان تامغىلارنىڭ پەقەت چېگرادىن ئۆتۈش ئۇچۇرلىرىنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، قوشۇمچە سۈرەتلەرنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. توروسيان يەنە بۇ ئۇسۇلنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلەر قوللىنىۋاتقان بىر خىل ئۇسۇل ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئەرمېنىيە ئەمەلدارلىرى چېگرادىن ئۆتۈشتە ئىشلىتىلىدىغان پاسپورت تامغىلىرىدىن ئاغرى تېغى سۈرىتىنى ئېلىۋېتىش قارارىنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە خاتا سىگنال بېرىشتىن ساقلىنىش مەقسىتىدە ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆتمۈشتىكى تالاش-تارتىشلار

2023-يىلى فىرانسىيە بىر ئەمەلدارىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئاغرى تېغىنىڭ سۈرىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئەرمېنىيەگە مۇناسىۋەتلىك تالاش-تارتىشلىق ئۇچۇرىنى ئاقلىغانىدى. بۇ ئۇچۇر ئاشقۇن مىللەتچى ئەرمەنلەرنىڭ زېمىن دەۋاسىنى يوشۇرۇن شەكىلدە قوللاش سىگنالى دەپ چۈشىنىلگەنىدى.

ئەينى چاغدا پارىژدىكى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، مىنىستىرلىق باياناتچىسىدىن فىرانسىيەنىڭ بۇ تاغنى ئەرمېنىيەگە تەۋە دەپ قارايدىغان ياكى قارىمايدىغانلىقى، فىرانسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە «خاتا ئۇچۇرغا ئىگە قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى» ياكى بۇنداق بىر ئۇچۇرنىڭ نۇرغۇن تۈركىيە پۇقراسىنى بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلىدىغان ياكى بىلمەيدىغانلىقى ھەققىدە سوئاللار سورالغانىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاننا-كلېر لېگېندرې: «ئاغرى تېغى ئەرمېنىيەدىن قارىغاندا سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە بىر مەنزىرىنى نامايان قىلىدۇ» دەپ، تاغنىڭ چېگراغا يېقىن يەرگە جايلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

تۈركىيەنىڭ تەنقىدى

تۈركىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مۇساپىسى ئالاھىدە ۋەكىلى باش ئەلچى سەردار قىلىچ X تە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ، تاغنىڭ تۈركىيە چېگراسى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنىدى.

قىلىچ: «ھۆرمەتلىك مىنىستىر، رەسىمدىكى تاغ ئاغرى تېغىدۇر، ئۇ تۈركىيە چېگراسى ئىچىگە جايلاشقان بولۇپ، تۈركىيەنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدۇر» دېگەنىدى.

قىلىچ يەنە: «شۇڭلاشقا، يا زىيارىتىڭىزنىڭ باشقىچە غەزىرى بار ياكى ئاساسىي جۇغراپىيە بىلىملىرىگە جىددىي ئېھتىياجىڭىز بار» دەپ تەنە قىلغانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا