ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ: «باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىناق پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يادرو قوراللىرىمىزنى تەڭ ئاساستا سىناق قىلىشقا باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردۈم» دېدى.

ترامپ ئامېرىكانىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشقا باشلىشى ئۈچۈن يوليورۇق چۈشۈردى / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي ۋە رۇسىيە بىلەن ئوخشاش سەۋىيەدە يادرو قوراللىرى سىناقلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن پېنتاگونغا يوليورۇق چۈشۈرگەنلىكىنى خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن خەتەرلىك باشلىقلار ئۇچرىشىشى باشلىنىشتىن بىرنەچچە مىنۇت بۇرۇن ئېلان قىلدى.

پەيشەنبە كۈنىدىكى بۇ ھەرىكەت، رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، موسكۋانىڭ يادرو بومبىسى توشۇيالايدىغان ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان بىر ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك سىناق قىلغانلىقىنى ئېيتىشىدىن بىر كۈن ئوتتۇرىغا چىقىتى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدە: «باشقا دۆلەتلەرنىڭ داۋاملاشتۇرۇۋاتقان سىناق پىروگراممىلىرى سەۋەبىدىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا يادرو قوراللىرىمىزنى تەڭ سەۋىيەدە سىناق قىلىشقا باشلاش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردۈم» دەپ يازدى.

ترامپ يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ باشقا بارلىق دۆلەتلەردىن كۆپرەك يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ مەۋجۇت قوراللارنىڭ «تولۇق يېڭىلىنىش ۋە رېمونت قىلىنىشى» ئۈچۈن كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنى ماختاپ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە ئىككىنچى ئورۇندا، خېلى يىراقتىكى خىتاي بولسا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، ئەمما بەش يىل ئىچىدە خىتاي بىزگە يېتىشىۋالىدۇ.»

خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتى (ICAN) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، توققۇز دۆلەت يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىكەن. بۇلار: رۇسىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، خىتاي، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، پاكىستان، ھىندىستان، ئىسرائىلىيە ۋە شىمالىي كورېيەدىن تەشكىل تاپىدىكەن.

ترامپ ئېلىپ بېرىلىدىغان سىناقلارنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن بولسىمۇ، بۇ باسقۇچنىڭ «دەرھال ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى» نى ئېيتتى.

 «بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش مۇمكىن ئەمەس»

 پۇتىن چارشەنبە كۈنى يادرو بومبىسى توشۇيالايدىغان ۋە يادرو ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىشلەيدىغان بىر ئىنسانسىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ، رۇسىيەنىڭ بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم قورال سىناق قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

 پۇتىن ئۇكرائىنادا يارىلانغان رۇسىيە ئەسكەرلىرى داۋالىنىۋاتقان بىر ھەربىي دوختۇرخانىدىن بەرگەن باياناتىدا، «پوسېيدون» دەپ ئاتىلىدىغان ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتىغا «تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى» ئىلگىرى سۈردى.

پۇتىن ئىنسانسىز سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئەنئەنىۋى سۇ ئاستى پاراخوتلىرىدىن تېزرەك ماڭالايدىغانلىقىنى، چوڭقۇرغا چۆكەلەيدىغانلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقانداق قىتئەسىگە يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، ترامپ پۇتىننى تەنقىد قىلىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كۆرە، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

 ئالدىنقى ھەپتە بۇداپېشتتا ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلانغان ترامپ – پۇتىن باشلىقلار ئۇچرىشىشى بىكار قىلىنغان ئىدى.

1945 – يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى نىيۇ يوركنىڭ مېكسىكا ئىشتاتىدا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئاتوم بومبىسى سىنىقىدىن تارتىپ تاكى 1992 – يىلىغىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئۇدا 1054 قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياپونىيەگە ئىككى قېتىم يادرو ھۇجۇمى قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ ئەڭ ئاخىرقى يادرو سىنىقى 1992 – يىلى 9 – ئايدا نېۋادا يادرو خەۋپسىزلىك رايونىدا يەر ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان 20 كىلوتونلۇق سىناق ئىدى.

1992 – يىلى 10 – ئايدا، شۇ چاغدىكى پىرېزىدېنت جورج بۇش يېڭى سىناقلارنى توختىتىش قارارىنى چىقارغان بولۇپ، بۇ چەكلەش كېيىنكى ھۆكۈمەتلەر تەرىپىدىنمۇ داۋاملاشتۇرۇلغان ئىدى. يادرو سىناقلىرىنىڭ ئورنىنى ئىلغار كومپيۇتېر تەقلىدلەش سىستېمىسى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان يادرو بولمىغان ۋە «نورمال ھالەتتىكى» تەجرىبىلەر ئالغان ئىدى.