رۇسىيە موسكۋادىكى پۇتىن – شارا سۆھبەتلىرىدىن كېيىن ئەسەدنىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۈكۈت قىلدى

كىرېمىل باياناتچىسى رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىنىڭ سۆھبەتنىڭ كۈنتەرتىپىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

رۇسىيە موسكۋادىكى پۇتىن – شارا سۆھبەتلىرىدىن كېيىن ئەسەدنىڭ قايتۇرۇلۇشى توغرىسىدا سۈكۈت قىلدى / AP

رۇسىيە پىرېزىدېنت ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا ئوتتۇرىسىدا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە بەششار ئەسەدنىڭ قايتۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپكە كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكى توغرىسىدا پىكىر بېرىشنى رەت قىلدى.

كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ئىككى رەھبەر ئوتتۇرىسىدا ئەسەدنىڭ سۈرىيەگە قايتۇرۇلۇشىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغان ياكى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقى توغرىسىدىكى بىر سوئالغا: «ئەسەد توغرىسىدا بۇ يەردە ئېيتىدىغان گېپىمىز يوق» دەپ جاۋاب بەردى.

شارا پۇتىنغا، سۈرىيەنىڭ رۇسىيە بىلەن «تارىخىي ۋە ئىستراتېگىيەلىك» مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە موسكۋا بىلەن دەمەشق ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرىكى بارلىق كېلىشىملەرگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شارانىڭ بۇ رەسمىي زىيارىتى، 2024 – يىلى 12 – ئايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئەسەدنى كۈتۈۋالغان بۇ دۆلەتكە قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولدى.

پۇتىن موسكۋا بىلەن دەمەشق ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ھەمىشە «سەمىمىي دوستلۇق» ئاساسىدا داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئالدىنقى ئايدا سۈرىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ «زور مۇۋەپپەقىيەت» بولغانلىقىنى ۋە «جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىشى» دە تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 پېسكوۋ پۇتىننىڭ سۈرىيەدە زىيارەتتە بولۇش مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى، ئەمما بۇ خىلدىكى تەكلىپلەرنىڭ دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق يەتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، سۈرىيەنىڭ ئاقدېڭىز قىرغىقىغا جايلاشقان تارتۇستىكى دېڭىز ئارمىيەسى بازىسى ۋە ھىمەيمىمدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسى قاتارلىق رۇسىيەنىڭ ھەربىي بازىلىرىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى، ئەمما بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىدى.

موسكۋادىكى ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى، شارانىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن رۇسىيەگە قاچقان ئەسەدنىڭ سۈرىيەگە قايتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. موسكۋا بىلەن دەمەشق ئىككى رەھبەرنىڭ بۇ دۆلەتتىكى رۇس ھەربىي بازىلىرىنىڭ كېلەچىكى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

 ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن بىر كۈن كېيىن كىرېمىل ئەسەد ۋە ئائىلىسىگە رۇسىيەدە پاناھلىق ھوقۇقى بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.