سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى ئۆكتىچىلەرنىڭ شىكايىتىگە ئاساسەن پىرېزىدېنتلىق قوغدىنىش ھوقۇقىدىن ھالقىغان ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت - «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنى تەكشۈرۈشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.
00:00
جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى «توپىلاڭ» سەۋەبىدىن پىرېزىدېنتنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى
#NKV04 : يۈن رەئىسنىڭ نىزامىي ھالەتنى چەكلەش تەشەببۇسىنىڭ سىياسىي بۆھران / AFP

جەنۇبىي كورىيە ساقچى ئىدارىسى پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئول جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقى سەۋەبلىك «توپىلاڭ» بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى تەكشۈرۈشكە باشلىدى. ساقچى ئىدارىسىغا قاراشلىق دۆلەتلىك تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ باشلىقى ۋۇ جوڭ-سۇ پەيشەنبە كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىغا قىلغان باياناتىدا «ۋەقە ئارخىپقا ئېلىندى» دېدى.

 جەنۇبىي كورىيە پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئولنىڭ جىددىي ھالەت ئېلان قىلىشى دۇنيا مىقياسىدا زور تەسىر قوزغىغان ئىدى، شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئۇ، ھاكىمىيەتتە قېلىشقا تىرىشماقتا. يۇن سۇك يېئولنىڭ پارتىيەسى بولسا ئۇنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارارىغا قارشى چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 يۇن سۇك يېئول سەيشەنبە كەچتە پۇقراۋى ھۆكۈمەتنى تاقاپ، پارلامېنتقا ھەربىيلەر ۋە تىك ئۇچارلارنى ئەۋەتتى، ئەمما پارلامېنت ئەزالىرى بۇ تەدبىرنى رەت قىلىپ، نامايىشلار ۋە تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بىر كېچىدە ئۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر قىلدى.

 ئۆكتىچىلەر يۇن سۇك يېئولنىڭ «ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇننى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقى» نى بىلدۈرۈپ، ئۇنى  تېزلىكتە ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى سۇندى.

 

يونخاپ ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەكلىپ شەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى 19:00 دە (گىرىنۋىچ ۋاقتى سائەت 10:00 دا) ئاۋازغا قويۇلغان.

 

«ئىقتىسادقا چەكلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ»

 

جەنۇبىي كورىيە جىددىي ھالەت قالايمىقانچىلىقى سەۋەبىدىن ئېنىقسىزلىق دەۋرىگە قەدەم قويدى، پەيشەنبە كۈنى سېئۇلدا پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى داۋاملىق تۆۋەنلىدى، ئەمما ۋوننىڭ قىممىتى مۇقىم ھالەتتە داۋاملاشتى.

 ئاسىيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە قايتا جانلىنىشقا تىرىشىۋاتقان مەزگىلدە، ترامپنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى بىلەن قاتتىق سودا سىياسىتىنى قايتا باشلاش ئېھتىماللىقى توغرىسىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيمەكتە.

 

ئەمما ئانالىزچىلار قىسمەن ئۈمىد ئۇچقۇنلىرىنى كۆرمەكتە.

 

فىتچ سولۇشىنس شىركىتىنىڭ BMI شۆبىسىدىكى ئانالىزچىلار مۇنداق دەپ قارىدى:

 «بىزنىڭ قارىشىمىز چە، جىددىي ھالەت قارارىدىن تېز چېكىنىش جەنۇبىي كورىيە ئورگانلىرىنىڭ مۇستەھكەملىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ، بۇ بولسا مەسىلىنىڭ ئىجابىي تەرىپىدۇر.

 ھازىرچە، جەنۇبىي كورىيە مەركىزىي بانكىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەبلەغ سالغۇچىلارغا كاپالەتلىك بېرىپ، تېز ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن، جىددىي ھالەت ئىقتىساد ۋە مالىيە بازارلىرىغا چەكلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمىز.

 بولۇپمۇ، جەنۇبىي كورىيە مەركىزىي بانكىسى قىسقا مۇددەتلىك نەق پۇل تەمىناتىنى كۆپەيتىش ۋە چەت ئەل پۇل - مۇئامىلە بازارلىرىنى مۇقىملاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى. بۇ، جەنۇبىي كورىيە ۋونى ئەتراپىدىكى خەتەرلەرنىڭ ھازىرچە كونترول قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى قارىشىمىز بىلەن ماس كېلىدۇ».

 دەسلەپكى سودىلاردا، سېئۇلنىڭ كوسپى كۆرسەتكۈچى %0.3 تۆۋەنلىدى؛ بورسا چارشەنبە كۈنى %1 دىن كۆپرەك تۆۋەنلەپ تاقالغان بولسىمۇ، بۇ، باشلانغۇچتىكى چۈشۈشنىڭ ياخشىلانغان ھالىتى ئىدى.

 ۋون كىرىزىس پارتلاشتىن بۇرۇنقى سەۋىيەدىن سەل يۇقىرى ئۆرلەپ، دوللار ئالدىدا قىممىتى تەخمىنەن 1.415 سەۋىيەسىدە مۇقىم ھالەتتە تۇردى؛ كىرىزىس باشلانغاندا ۋوننىڭ قىممىتى تەخمىنەن %3 چۈشۈپ كەتكەنىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كانادا باش مىنىستىرى كارنى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى