سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنى ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
سېئۇل شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ قايتا-قايتا چېگرادىن ئۆتۈشلىرىدىن كېيىن، كورېيە قورالسىزلاندۇرۇلغان رايونى (DMZ) نى ئايدىڭلاشتۇرۇش ۋە جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن ھەربىي دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى.
جەنۇبىي كورېيە جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنى ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى
جەنۇبىي كورېيە جىددىيچىلىكىنى پەسەيتىش ئۈچۈن شىمالىي كورېيەنى ھەربىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى / Reuters

جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە چېگرادىن ھالقىپ كىرىشلىرىنى سەۋەب قىلىپ، چېگرا توقۇنۇشلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە شىمال بىلەن سۆھبەتلىشىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مۇداپىئە سىياسىتى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى كىم خوڭچول مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «تاسادىپىي توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ھەربىي جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئارمىيەمىز رەسمىي ھالدا ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي چېگرا سىزىقى (MDL) ئۈچۈن ئېنىق بىر پايدىلىنىش سىزىقىنى بەرپا قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىش مەقسىتىدە جەنۇب-شىمال ھەربىي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

كىم شىمالىي كورېيە ئەسكەرلىرىنىڭ «تاكتىكىلىق يوللار، رىشاتكىلارنى ياساش ۋە مىنا كۆمۈش جەريانىدا» چېگرا (ئايرىش) سىزىقىدىن قايتا-قايتا ئۆتكەنلىكىنى، جەنۇبىي كورېيە قىسىملىرىنىڭ بولسا شىماللىقلارنى ئۆز تەرىپىگە قايتىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش ئوقى ئاتقانلىقىنى ۋە ئاڭلىتىش بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىم يېقىنقى چېگرادىن ئۆتۈش ۋەقەلىرىنىڭ 1953-يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئورنىتىلغان نۇرغۇنلىغان ھەربىي چېگرا سىزىقى بەلگىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتتى.

توقۇنۇشلارنىڭ تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ ئورنىغا ئۇرۇش توختىتىش بىلەن ئاخىرلاشقانلىقى ئۈچۈن، سېئۇل بىلەن پىيوڭياڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىن يەنىلا ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرماقتا.

تېخىچە جاۋاب يوق

ھەربىي چېگرا سىزىقى كورېيە يېرىم ئارىلىنى بويلاپ 250 كىلومېتىر (160 مىل) غا سوزۇلغان ۋە كەڭلىكى 4 كىلومېتىر كېلىدىغان ئارىلىق (تامپون) رايونى بولغان قورالسىزلاندۇرۇلغان رايون (DMZ) ئىچىگە جايلاشقان.

تەكلىپ قىلىنغان ھەربىي سۆھبەتلەر جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى لى جائې ميۇڭنىڭ شىمالىي كورېيە بىلەن ئالدىنقى شەرتسىز تېخىمۇ كەڭ دائىرىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ تەكلىپ سابىق  كونسېرۋاتىپ پىرېزىدېنتنىڭ ئۇرۇشپەرەس پوزىتسىيەسىدىن كۆرۈنەرلىك بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

لى ئىيۇندا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان يادرو قورالىغا ئىگە شىمال بىلەن بولغان ھەربىي جىددىيچىلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن چېگرادىكى تەشۋىقات ياڭراتقۇلىرىنى چېقىۋېتىش ۋە پيوڭياڭغا قارشى ۋاراقچىلارنىڭ تاشلىنىشىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قەدەملەرنى باسقان ئىدى.

پىيوڭياڭ تېخىچە لىنىڭ بۇ پوزىتسىيەسىگە جاۋاب قايتۇرمىدى.

سابىق پىرېزىدېنت يۈن سۇك يول شىمالغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان بولۇپ، بۇ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن شىمالنى موسكۋاغا بارغانسېرى يېقىنلاشتۇرۇپ، شىمال بىلەن جەنۇب مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈپ قويغانىدى.

شىمالىي ۋە جەنۇبىي كورېيە ئۆتكەن يىلى ئۆزئارا جاۋاب قايتۇرۇش خاراكتېرلىك تەشۋىقات ئۇرۇشىغا كىرىپ قالغان؛ شىمال جەنۇبىي كورېيەلىك پائالىيەتچىلەر ئەۋەتكەن تەشۋىقات شارلىرىغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن جەنۇبقا قارىتىپ مىڭلارچە ئەخلەت قاچىلانغان شارلارنى يوللىغانىدى.

ئىزدىنىڭ
كرېمىل: «پۇتىن ئىراننىڭ ئۇرۇش مەسىلىنى ھەل قىلىش تەكلىپىنى ترامپقا يەتكۈزدى»
ئىران: «يېڭى ئۇرۇش ئېھتىماللىقىغا قارشى تەييارلىقلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرماقتىمىز»
ئەنقەرەدە قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرى نامايىش بىلەن ئەيىبلەندى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە 3 يىلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شۋېتسىيەدە ئەيىبلەندى
ئامېرىكا يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى
پاناما «چوڭ ئاپەت» ھالىتى ئېلان قىلدى
ترامپ نوبېل كومىتېتىغا نارازىلىقىنى بىلدۈردى
2026-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ناۋى پىللايغا بېرىلدى
ناتونىڭ يىللىق يادرو قوراللىرىنى توسۇش مانېۋىرى 13-ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
ئامېرىكاغا يېقىنلىشىۋاتقان ئىساياس بوران-چاپقۇنى سەۋەبىدىن جىددىي تارقاقلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى
مېكسىكادىكى بىر تۈرمىدە ئىسيان كۆتۈرۈلۈپ 10 كىشى ئۆلدى، 16 كىشى يارىلاندى
ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەرنى دېڭىز يولى ئارقىلىق قوغلاپ چىقىرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئۇكرائىنا ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىردى
FBI خىتايغا چېتىشلىق خاككېرلارنىڭ تور ھۇجۇمى قوراللىرىنى مۇسادىرە قىلدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ھۇجۇملىرىدىن ئەنسىرىمەكتە