خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
فىلىپپىندا 188 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «كالمائېگى» بورىنى ۋىيېتنامنى تەسىرى ئاستىغا ئالدى
ۋىيېتنام دۇنيادىكى ئەڭ ئاكتىپ ئىسسىق بەلباغ بورانلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىلدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 10 قېتىم بوراننىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. لېكىن «كالمائېگى» بۇ دۆلەتتە 2025-يىلى كۆرۈلگەن 13-چى بوران بولدى.
فىلىپپىندا 188 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان «كالمائېگى» بورىنى ۋىيېتنامنى تەسىرى ئاستىغا ئالدى
People watch rough waves caused by Typhoon Kalmaegi in Khanh Hoa, Vietnam, Thursday, November 6, 2025. / AP
2025-يىلى11-ئاينىڭ7-كۈنى

«كالمائېگى» بورىنى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ۋىيېتنامنى تەسىرى ئاستىغا ئېلىپ، يەنە بەش كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. بۇ بوران ئىلگىرى فىلىپپىندا 188 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

«كالمائېگى» بۇ ھەپتە فىلىپپىننىڭ ئوتتۇرا قىسىملىرىدا كەڭ كۆلەملىك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، خۇسۇسىي ماشىنىلار، يۈك ماشىنىلىرى ۋە ماي باكى ئاپتوموبىللىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن ئىدى. بۇ بوران پەيشەنبە كۈنى كەچتە ۋىيېتنامنى ئۆز تەسىرى ئاستىغا ئالدى.

ۋىيېتنامنىڭ گىيا لاي ئۆلكىسىدە ياشايدىغان 42 ياشلىق بېلىقچى نىگۇيېن ۋان تام: «ئۆيۈمنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىنىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتتى. ھەممىمىز بىخەتەر، لېكىن بوران ھەقىقەتەن بەك قورقۇنچلۇق ئىدى، نۇرغۇن دەرەخلەر يىقىلدى» دېدى؛ ئۇ بوراندا كېمىسىنىڭمۇ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوران قۇرۇقلۇققا چىققان رايوندا شامالنىڭ سۈرئىتى سائىتىگە 149 كىلومېتىر (92 مىل)غا يەتكەن.

ۋىيېتناملىق ئەمەلدارلار جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ، زىياننىڭ كۆلىمىنى تەكشۈرۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، گىيا لاي ۋە قوشنا داك لاكتا بەش كىشى قازا قىلىپ، 57 ئۆي ۋەيران بولغان. ئۇنىڭدىن باشقا، تەخمىنەن 3000 ئۆينىڭ ئۆگزىسى ئۇچۇپ كەتكەن ياكى زىيانغا ئۇچرىغان، شۇنداقلا 11 كېمە ياكى پاراخوت چۆكۈپ كەتكەن.

فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى  مۇخبىرلىرى قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ گىيا لاينىڭ قۇي نون دېڭىز ساھىلى بويىچە، يىقىلغان دەرەخلەرنى تازىلاش، خارابىلىكلەرنى يىغىشتۇرۇش ۋە كېچە بويى ئۇچۇپ كەتكەن تۆمۈر ئۆگزىلەرنى توپلاش ئۈچۈن، يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

64 ياشلىق تران نگو ئەن فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ: «بۇ بىزگە زەربە بەرگەن ئىنتايىن شىددەتلىك بوران ئىدى. مەن ھاياتىمدا بۇنداق بوراننى ئىككىنچى قېتىم كۆردۈم. ئىلگىرىكىسى تەخمىنەن 10 يىل بۇرۇن ئىدى، لېكىن بۇنچىلىك كۈچلۈك ئەمەس ئىدى» دېدى.

دۆلەت ئېلېكتىر شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بوران ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىنى ئۇرغاندا 1 مىليون  600 مىڭ  كىشى توكسىز قالغان، لېكىن جۈمە كۈنى ئەتىگەندىن باشلاپ، بۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرىگە قايتا توك بېرىلگەن.

شىددەتلىك بوران سەھەر پەيتلىرىدە قۇرۇقلۇققا قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، شامالنىڭ سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاجىزلاشقان ئىدى، لېكىن دۆلەتلىك ھاۋا رايى ئىدارىسى يەنىلا ئوتتۇرا دېڭىز ساھىلىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك يامغۇر ئاگاھلاندۇرۇشى بېرىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىنسانلار پەيدا قىلغان كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بورانلار تېخىمۇ كۈچلۈك بولماقتىكەن. تېخىمۇ ئىسسىق ئوكيانلار بورانلارنىڭ بىردىنلا كۈچىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، تېخىمۇ ئىسسىق ئاتموسفېرا كۆپرەك نەملىكنى تۇتۇپ، تېخىمۇ كۆپ يامغۇر ياغدۇرماقتا ئىكەن.

توختاۋسىز يىغىۋاتقان يامغۇرلار

«كالمائېگى» فىلىپپىندىكى سېبۇ ۋە نېگىروس ئاراللىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتقاندىن كېيىن، قايتىدىن يۆنىلىشىنى دېڭىزغا قاراتقان. سېبۇ ئۆلكىسىدىكى ئەڭ كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىغان بازار ۋە شەھەرلەردە، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەلكۈن سۇلىرى كۆرۈلدى.

قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرماقتا. فىلىپپىنلىق ئەمەلدارلار پەيشەنبە كۈنى قازا قىلغانلار سانىنىڭ 188 گە يەتكەنلىكىنى، 135 كىشىنىڭ ئىزدېرىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

بوران ۋىيېتنامنىڭ ئوتتۇرا رايونلىرىغا بىر ھەپتىدىن ئارتۇق داۋاملاشقان كەلكۈن ۋە شىددتلىك يامغۇر ئاپىتىدىن كېيىن زەربە بەرگەن بولۇپ، كەم دېگەندە 47 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، نەچچە ئەسىرلىك تارىخىي جايلار سۇ ئاستىدا قالغان.

ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان شىددەتلىك يامغۇرلار، قەدىمكى ئىمپېرىيە پايتەختى ھۇئې ۋە ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن قەدىمىي خوي ئەن بازىرىنى تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، كوچىلارنى ئۆستەڭلەرگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن، ئون مىڭلارچە ئۆينى سۇ ئاستىدا قالدۇرغان.

ياغقان يامغۇر 24 سائەت ئىچىدە 1.7 مېتىرغا (5 فۇت 6 ئىنگلىز چى) يېتىپ، پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئىلگىرى كۆرۈلگەن يامغۇر رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

3200 كىلومېتىردىن ئارتۇق ئۇزۇنلۇقتىكى دېڭىز ساھىلىغا ۋە 2300 دەريا تورىغا ئىگە بولغان ۋىيېتنام، ئېغىر كەلكۈن خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.

ۋىيېتنام دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كالمائېگى» بورىنىدىن ئىلگىرى ۋىيېتنامدا يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەتلەر بۇ يىل 279 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى ياكى يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە 2 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق زىيانغا سەۋەب بولغان.

ئىزدىنىڭ
مىسىر بىلەن ئامېرىكا غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى مۇزاكىرىلەشمەكتە
قاتار غەززە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ «ئىككىنچى باسقۇچى» ئۈچۈن بېسىمىنى كۈچەيتمەكتە
خاقان فىدان ناتونىڭ بىريۇسسېلدا چاقىرىلىدىغان ھەل قىلغۇچ سۆھبەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتايغا قارشى دۇنيا سودا تەشكىلاتىدا ئاچقان دېلوسىنى بىكار قىلدى
كولومبىيە كىچىك بالىلارنى سۇيىئىستېمال قىلغان يەھۇدىي تەرىقىتى ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقاردى
ترامپ گوندۇراسنى سايلام كېچىكىشلىرى سەۋەبىدىن سايلام كومىتېتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ بەش پەلەستىنلىكنى يارىدار قىلدى
مادۇرو ئامېرىكا بىلەن چوڭقۇرلىشىۋاتقان جىددىيچىلىكلەر ئالدىدا «مۇتلەق ساداقەت» قەسىمى قىلدى
ئىسرائىلىيە 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى يەنە دەپسەندە قىلدى
پەلەستىن كوماندىسىنىڭ «ئەرەب لوڭقىسى»نىڭ ئېچىلىش مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسى قاتارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى
ئىسرائىلىيە رەفاھ تونېللىرىدا قاپسىلىپ قالغان 40 ھاماس ئەزاسىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى
تاجىكىستان ئافغانىستاندىن قىلىنغان چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملاردا بەش كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
كىرېمىل: پۇتىن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋەكىلى ۋىتكوف بىلەن كۆرۈشىدۇ
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ ھالدا رەفاھ رايونىغا ۋە غەززەگە ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى
ۋەيران قىلغۇچ كەلكۈندە 330 دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان سىرىلانكىغا ياردەم بېرىش دولقۇنى باشلاندى