تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپ ۋە نۇرغۇن مەنسەپداشلىرى (دۆلەت باشلىقلىرى) بىلەن تېلېفۇن يىغىنى (تېلېكونفېرانس) ئارقىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۆھبەتتە، ئىران ۋە يېقىن شەرقتىكى ئۆزگىرىشلەرئەتراپلىق مۇزاكىرە قىلىندى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تېلېفون دىپلوماتىيەسى

ئۇچۇر-ئالاقە باشقارمىسىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق سۆھبەتتە ئامېرىكا پېرىزىدېنتى دونالد ترامپ، بەھرەين پادىشاھى ھامەد بىن ئىسا ئال-خەلىفە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايد ئال ناھيان، قاتار ئەمىرى شەيخ تەمىم بىن ھەمەد ئال سانى، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسى، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى مۇھەممەد بىن سەلمان، ئىيوردانىيە پادىشاھى 2-ئابدۇللاھ، پاكىستان ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى ئاسىم مۇنىر ھەمدە ئامېرىكا پېرىزىدېنتلىق كابېنت ئەزالىرىمۇ قاتناشقان.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىران ۋە يېقىن شەرقتىكى تەرەققىياتلار مۇنازىرە قىلىنغان بۇ سۆھبەتتە، تۈركىيەنىڭ ھەر ۋاقىت مەسىلىلەرنى سۆھبەت ۋە دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى ياقىلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەردوغان ئىران بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇساپىنىڭ ئامېرىكا پېرىزىدېنتى ترامپ تىلغا ئالغان سەۋىيەگە يېتىپ كەلگەنلىكىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ھاسىل قىلىنىدىغان كېلىشىمنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئەركىن ئۆتۈش ھوقۇقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئارقىلىق رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىمۇ يېنىكلىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مۇزاكىرە مۇساپىسىگە تۆھپە قوشقان دۆلەتلەرگە ئايرىم-ئايرىم مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن ئەردوغان، ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنىشى مۇمكىن بولغان كېلىشىمنىڭ يولغا قويۇلۇش باسقۇچىدا تۈركىيە سۈپىتىدە ھەر قانداق ياردەمدە بولۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل رايوندا تىنچلىقنىڭ ھۆكۈمران بولۇشى ئۈچۈن جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئەردوغان، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان ھالدا، مۇرەككەپ تېمىلاردا مۇساپە جەريانىدا مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ تېپىلىدىغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە يەنە، تۈركىيەنىڭ رايون دۆلەتلىرىنىڭ بىر-بىرىگە تەھدىت تۇغدۇرمايدىغان يېڭى بىر دەۋرنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئادىل بىر تىنچلىقنىڭ ئەسلا مەغلۇب بولغۇچىسى بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تەپسىلىي مەلۇماتلار كېلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ...

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ