غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇبىئو قاتارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، ھۇجۇمنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇبىئو قاتارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
رۇبىئو قاتارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى / Reuters

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو، ئىسرائىلىيەنىڭ قاتاردا ھاماس ئەزالىرىنى نىشانغا ئالغان ھۇجۇمىنىڭ تېل ئاۋىۋ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەردە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇبىئو، شەنبە كۈنى ئەنگىلىيە ۋە ئىسرائىلىيەگە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن مۇخبىرلارغا: «ئېنىقكى، بىز بۇنىڭدىن مەمنۇن بولمىدۇق؛ پىرېزىدېنتمۇ مەمنۇن بولمىدى» دېدى.

ئۇ يەنە: «بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، ئەمما بىز بۇ ھەقتە، بولۇپمۇ بۇنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ئېرىشىش تىرىشچانلىقىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ھەققىدە سۆزلىشىشىمىز كېرەك» دېگەن سۆزلەرنى قىلدى.

ئىسرائىلىيە، سەيشەنبە كۈنى دوھادا ھاماس رەھبەرلىرى تۇرۇۋاتقان بىر ئولتۇراق رايوننى نىشانغا ئالدى.

ھۇجۇمدا، ئامېرىكانىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تەكلىپ قىلغان يېڭى بىر كېلىشىمنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بەش ھاماس ئەزاسى ۋە بىر قاتارلىق بىخەتەرلىك خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئىسرائىلىيە، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە 64 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈردى.

قاتار، ئامېرىكا ۋە مىسىر بىلەن بىرلىكتە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە مۇرەسسەچىلىك رولى ئويناىماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hamas defiant on stance, calls Israel's attack on Qatar a 'direct shot' at Trump's truce plan

نېتانياھۇ ھۇجۇمنى ئاقلىدى

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بولسا، قاتاردا ياشاۋاتقان ھاماس رەھبەرلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ بارلىق گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى قويۇپ بېرىش ۋە غەززەدىكى قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نېتانياھۇ، X سۇپىسىدا يوللىغان يازمىسىدا: «قاتاردا ياشاۋاتقان ھاماس تېرورچى رەھبەرلىرى غەززەدىكى كىشىلەرگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇلار ئۇرۇشنى مەڭگۈلۈككە ئۇزارتىش ئۈچۈن بارلىق ئۇرۇش توختىتىش تىرىشچانلىقىنى توسۇپ كەلدى» دېدى.

ھاماس، دوھا ھۇجۇمىنى ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنى بۇزۇش ئۇرۇنۇشى دەپ ئاتىدى ۋە بۇنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالاقىدار شەرتلىرىنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ دوھاغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن، تېل ئاۋىۋ پەلەستىن، يەمەن، سۈرىيە، لىۋان، ئىران ۋە قاتارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايوندىكى جەمئىي ئالتە دۆلەتكە ھۇجۇم قىلغان بولدى.

مەنبە:TRT Uyghur
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز