فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەكمىنىستىر خاقان فىدان رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋغا: «ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك» دېدى.
فىدان: ھورمۇز بوغۇزىدا بىخەتەر ۋە داۋاملىق ئۆتۈشكە كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك / Reuters

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ئامېرىكا-ئىران كېلىشىمىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ دۇنياۋى سودا ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان، ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر، ئەركىن ۋە ئۈزلۈكسىز پاراخوت قاتنىشىنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ رايونلۇق مۇقىملىق، دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا سودا ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

سەيشەنبە كۈنى موسكۋادا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن بايانات ئېلان قىلغان فىدان، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنى رايوندىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىدىغان مۇھىم بىر دىپلوماتىك بۇرۇلۇش نۇقتىسى دەپ سۈپەتلىدى.

مىنىستىر فىدان: «جۇمھۇر رەئىسىمىز رەجەپ تاييىپ ئەردوغانمۇ تەكىتلىگىنىدەك، ئەڭ چوڭ تىلىكىمىز، رايونىمىزغا ۋە پۈتۈن دۇنياغا نەپەس ئالدۇرغان بۇ قەدەم ۋاقىتلىق بىر تىنچلىق مەزگىلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، سىستېمىلىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىغا ئايلىنىشىدۇر» دېدى. ئۇ يەنە، تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنىڭ ئاخىرقى ئىمزا باسقۇچىغا ئۆتۈشىنى، تولۇق ئىجرا قىلىنىشىنى ۋە تۇراقلىق بىر دىپلوماتىك رامكىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

 «ئاخىرقى ئىمزالار قويۇلىدىغان بۇ سەزگۈر مۇساپىدە، تىنچلىق كەيپىياتىغا زىيان يەتكۈزىدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشتىن ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ مۇساپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەشەببۇسلىرىدىن ساقلىنىش ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

«ھورمۇز بوغۇزى دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە»

فىدان ئامېرىكا ۋە ئىرانلىق رەھبەرلەر ئوتتۇرىغا قويغان سىياسىي ئىرادىنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«پاكىستاننىڭ مۇرەسسەچىلىك تىرىشچانلىقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىمىز؛ قاتار ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك تەشەببۇسلارنى قوللىغانلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز.

ھورمۇز بوغۇزى ناھايىتى مۇھىم. جۈملىدىنھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش بارلىق پاراخوتلارنىڭ بىخەتەر، ئەركىن ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆتۈشىگە ئوچۇق تۇتۇلۇشى، پەقەت رايونلۇق مۇقىملىق نۇقتىسلا ئەمەس، بەلكى دۇنياۋى ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە خەلقئارا سودا ئۈچۈنمۇ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

مىنىستىر فىدان تۈركىيەنىڭ مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك بىر رايونلۇق تىنچلىق مۇساپىسىگە يول ئېچىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئەنقەرەنىڭ بۇ خىلدىكى تىرىشچانلىقلارنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى