مېتا ئاۋىستىرالىيەدە 16 ياشتىن تۆۋەن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھېساباتىنى چەكلىدى
Facebook ۋە Instagram نىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىنى «ئومۇميۈزلۈك چەكلىمە» قويۇشنىڭ ئورنىغا، ساھە بىلەن «قۇرۇلمىلىق شەكىلدە» ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.
Facebook ۋە Instagram نىڭ ئانا شىركىتى بولغان مېتا (Meta)، ئاۋىستىرالىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ چەكلىمىسىدىن كېيىن، 16 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچىلەرگە تەۋە دەپ قارالغان 544،052 ھېساباتنى چەكلىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئاۋىستىرالىيە 10-دېكابىر كۈنى 16 ياشتىن تۆۋەن بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى. چەكلىمە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ Facebook، Instagram، X، TikTok، YouTube، Snapchat ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش چوڭ سۇپىلاردا ھېسابات ئېچىشى ياكى ئىشلىتىشى مەنئى قىلىندى.
مېتا يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بىر بىلوگ يازمىسىدا، 4-دېكابىردىن 11-دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتا 330،639 Instagram ھېساباتىنى، 173،497 Facebook ھېساباتىنى ۋە 39،916 Threads ھېساباتىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
مېتا باياناتىدا: «ئاۋىستىرالىيە ھۆكۈمىتىنى ئومۇميۈزلۈك چەكلىمە قويۇشنىڭ ئورنىغا، پۈتكۈل ساھەنى بىخەتەر، شەخسىيەتنى قوغدايدىغان ۋە ياشقا ماس كېلىدىغان تور تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ ياخشى بىر يول تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلمىلىق ھەمكارلىققا چاقىرىمىز» دېدى.
تېخنىكا گىگانت شىركىتى قانۇنلارغا رىئايە قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، «ساھە ئۆلچىمى بولمىغان ئەھۋالدا، توردا ياش بېكىتىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشەلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى» ئەسكەرتتى.
ياش ئاۋىستىرالىيەلىكلەرنى «قوغداش»
ئاۋىستىرالىيەدىكى بۇ يېڭى قانۇن 2025-يىلى 10-دېكابىردىن باشلاپ، چوڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىلىرىنىڭ 16 ياشتىن تۆۋەن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ھېسابات ئېچىشىنى توساش ئۈچۈن «مۇۋاپىق قەدەملەرنى» بېسىشىنى تەلەپ قىلىدۇ.
ھۆكۈمەتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەقسەت ياشلارنى جازالاش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى زىيادە ئېكران ۋاقتى، ئازدۇرغۇچى لايىھە ۋە زىيانلىق مەزمۇنلارنىڭ تەسىرىدىن قوغداشتۇر. شۇنىڭ بىلەن ياشلارغا ھېسسىيات ۋە رەقەملىك جەھەتتىن تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت يارىتىلىدۇ.
ئاۋىستىرالىيە ئېلېكترونلۇق بىخەتەرلىك كۆمىسسارى جۇلى ئىنمەن گرانت (Julie Inman Grant)، ياش چەكلىمىسى قويۇلغان سۇپىلار تىزىملىكىنىڭ يېڭى تېخنىكىلارغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىنمەن گرانت چەكلىمىنىڭ تەسىرىنى باھالاش ئۈچۈن ئاكادېمىكلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ تەسىرلەرنىڭ بالىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇخلىشىغا، تۈرلۈك پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ياكى جىسمانىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئاكتىپ بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دائىرىلەر سۇپىلارنىڭ بالىلارنى زوراۋانلىق مەزمۇنلاردىن، پاراكەندىچىلىكتىن ۋە خۇمار قىلىپ قويىدىغان لايىھە ئالاھىدىلىكلىرىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە قوغدىيالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتماقتا.
تەنقىدچىلەر مەزمۇن ياراتقۇچىلار ۋە كەڭ رەقەملىك ئىقتىساد جەھەتتىكى كۆڭۈلسىز نەتىجىلەر ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرسە، چەكلىمىنى قوللىغۇچىلار تېخىمۇ قاتتىق ياش چەكلىمىسىنىڭ بالىلارنىڭ بەخت-سائادىتىگە قارىتىلغان خەتەرلەرنى ئازايتىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.