تۈركىيەنىڭ ب د ت (بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى) دىكى دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەت يىلدىز ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا بەرگەن باياناتىدا، رەسمىي نامزاتلىق ئىلتىماسىنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى رىياسىتىگە سۇنۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەھمەت يىلدىز: «جۇمھۇر رەئىسىمىز ھۆرمەتلىك رەجەپ تاييىپ ئەردوغان باش ئەلچى سىنىرلىئوغلۇنىڭ ب د ت باش كاتىپلىقى ئۈچۈن زۆرۈر سالاھىيەتلىرى، قابىلىيىتى، خەلقئارا ساھەدىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى نامزات كۆرسىتىشنى مۇۋاپىق كۆردى» دېدى.
ب د ت باش كاتىپلىقى رىقابىتىدە ھازىرغىچە ئورتاق پىكىرگە كەلگەن بىرەر نامزات چىقمىغانلىقى تۈپەيلىدىن، تۈركىيەنىڭ ب د ت نىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش مەقسىتىدە سىنىرلىئوغلۇنى نامزات كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان يىلدىز، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا نامزاتنىڭ لاتىن ئامېرىكاسى ۋە كارىب رايونىدىن چىقىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى ئەنئەنىۋى ئادەتكىمۇ ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن بۈگۈنگىچە كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
تەۋسىيە



















