خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنسكىي: «روسىيە ئۇكرائىنادا بىرسى ئەزەربەيجان پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى»
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ئونلىغان كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى. بىر روسىيە ئەمەلدارى بولسا كىيېۋغا ئائىت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ ۋورونېژ رايونىنى نىشان قىلغانلىقىنى ۋە ئىككى كىچىك بالىنى قىوشقاندا بىرنەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
زېلېنسكىي: «روسىيە ئۇكرائىنادا بىرسى ئەزەربەيجان پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى»
زېلېنسكىي: «روسىيە ئۇكرائىنادا بىرسى ئەزەربەيجان پۇقراسى بولۇپ، جەمئىي ئىككى كىشىنى ئۆلتۈردى» / Reuters

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، بىرسى ئەزەربەيجان پۇقراسى بولۇپ، ئاز دېگەندە ئىككى كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

زېلېنسكىي تېلېگرامدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، تېخىمۇ شەرقتىكى خاركىۋ رايونىدا بولسا توققۇز  كىچىك بالىنى قوشقاندا، جەمئىي 28 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رايونلۇق ۋالىي ئالېكساندىر گۇسېۋ، ئۇكرائىناغا ئائىت بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ روسىيەنىڭ ۋورونېژ رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدا، ئۈچ كىچىك بالىنى قوشقاندا جەمئىي تۆت كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

گۇسېۋ: «كېچە ۋە ئەتىگەن سائەتلەردە رايون ئاسمىنىدا تەخمىنەن 20 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىر تەرەپ قىلىندى. بىر ئايال ئوتتۇرا دەرىجىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىغا يەتكۈزۈلدى، ئىككى كىچىك بالا ئېغىر يارىلاندى ۋە بىر ياش نەق مەيداندا داۋالاش ياردىمىگە ئېرىشتى» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ۋالىينىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، ۋورونېژدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتى بىر كەنت ئۆيىگە ۋە ئۈچ ئاپتوموبىل ئىسكىلاتىغا زىيان يەتكۈزگەن بولۇپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىنالار ۋە ئۆيلەرنىڭ دېرىزىلىرى بىلەن ئۆگزىلىرىمۇ ۋەيران بولغان.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ بىر باياناتىدا، رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئەشيا ئوبوروتى، ئالاقە ۋە پورت ئەسلىھەلىرىدىن سىرت، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىغا ياردەم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن كېمىلەرنىمۇ ئوققا تۇتقانلىقىنى مەلۇم قىلدى.

مىنىستىرلىق يەنە، نىشانلار ئارىسىدا كىيېۋدىكى سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرى ۋە يېقىلغۇ ئۇل ئەسلىھەلىرى بىلەن رايوندىكى ۋاسىلكىۋ ھەربىي ئايرودۇرۇمىغە جايلاشقان ئەسلىھەلەرنىڭمۇ بارلىقىنى قەيت قىلدى.

باياناتتا يەنە ئودېسسادىكى بىر ئەشيا ئوبوروت مەركىزى، ئىزمايىل پورتىدىكى ئۇل ئەسلىھە ۋە بىر پاراخوت زاۋۇتى ھەمدە رېمونت قىلىش زاۋۇتىمۇ نىشانلار قاتارىدا سانالدى.

مىنىستىرلىق، ھەربىي ياكى قوش مەقسەتلىك ماتېرىياللارنى توشۇيدىغان ئىككى قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭمۇ ئوققا تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia accuses Europe of 'thwarting' Ukraine peace talks
ئىزدىنىڭ
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى