گۇگۇل ھىندىستاندا 15 مىليارد دوللارلىق سۈنئىي ئىدراك سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرىدۇ
گۇگۇل بۇلۇت سۇپىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توماس كۇرىيان گۇگۇلنىڭ ۋىساخاپاتنامدا قۇرۇلىدىغان سۈنئىي ئىدراك مەركىزىنىڭ ئامېرىكا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلىغى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
گۇگۇل بۇلۇت سۇپىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توماس كۇرىيان گۇگۇلنىڭ ۋىساخاپاتنامدا قۇرۇلىدىغان سۈنئىي ئىدراك مەركىزىنىڭ شىركەتنىڭ ئامېرىكا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلىغى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ مەركەزنىڭ ھىندىستاننىڭ رەقەملىك كەلگۈسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«ئالفابېت» شىركىتىنىڭ بىر قىسمى بولغان گۇگۇل ھىندىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاندرا پرادېش ئىشتاتىدا غايەت زور سانلىق مەلۇمات مەركىزى ۋە سۈنئىي ئىدراك مەركىزى قۇرۇش ئۈچۈن 15 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ.
بۇ شىركەتنىڭ جەنۇبىي ئاسىياغا جايلاشقان ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ مەبلىغى بولىدۇ.
گۇگۇل بۇلۇت سۇپىسىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى توماس كۇرىيان يېڭى دېھلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر مۇراسىمدا ۋىساخاپاتنامدا قۇرۇلىدىغان سۈنئىي ئىدراك مەركىزى توغرىسىدا سۆز قىلدى.
كۇرىيان: «بىز ئامېرىكا سىرتىدىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئىدراك مەركىزىمىزنى بۇ يەردە قۇرۇۋاتىمىز» دەپ، كەلگۈسى بەش يىلدا سېلىنىدىغان ئومۇمىي مەبلەغنىڭ 15 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ۋىساخاپاتنام ئىشتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، گۇگۇل پورت شەھىرى ۋىساخاپاتنامدا 1 گىگاۋات سىغىملىق سانلىق مەلۇمات مەركىزى رايونى قۇرىدىكەن، بۇ رايون سۈنئىي ئىدراك ئۇل ئەسلىھەلىرى، كەڭ كۆلەملىك ئېنېرگىيە مەنبەسى ۋە كېڭەيتىلگەن تالا ئوپتىكا تورىنى بىرلەشتۈرىدىكەن.
بۇ ھەقتىكى رەسمىي كېلىشىمنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئىمزالىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
گۇگۇل بۇ قەدەمنى چوڭ تېخنىكا شىركەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە تاشلىدى.
شىركەتلەر سۈنئىي ئىدراك مۇلازىمىتىگە بولغان ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى سانلىق مەلۇمات مەركىزى ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا زور مەبلەغ سالماقتا.
ئىشتاتنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى مىنىستىرى نارا لوكېش: «سانلىق مەلۇمات بۇ دەۋرنىڭ نېفىتىگە ئايلاندى، بۇ خىلدىكى تەشەببۇسلار بىزگە ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىك ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.
ھىندىستاندا تېخنىكا سېلىنمىسى كۆپەيمەكتە
بۇ قەدەم گۇگۇلنى ھىندىستاندا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئامېرىكالىق تېخنىكا گىگانتلىرى تىزىملىكىگە قوشتى.
ئامازون 2030-يىلىغىچە بۇلۇت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 12 مىليارد 700 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىشقا ۋەدە بەرگەن بولسا، ChatGPT نى ئىشلەپچىقارغۇچى OpenAI شىركىتى «Stargate» تەشەببۇسى دائىرىسىدە 1 گىگاۋات سىغىملىق سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇشنى پىلانلىماقتا.
ساھەدىكى مۆلچەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزىگە سالغان مەبلىغى 2027-يىلىغىچە 100 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىكەن.
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى تېخنىكىنىڭ ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ئىستراتېگىيەسىنىڭ تۈۋرۈكى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، رەقەملىك تەرەققىيات ئارقىلىق مىليونلىغان كىشىلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما، چەكلىك سۇ بايلىقى ۋە مۇقىمسىز ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە نىشانىغا يېتىشىنى قىيىنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.