خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
كېچىچە رۇسىيە زېمىنىغا قويۇپ بېرىلگەن ئۇكرائىناغا تەۋە 244 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭمۇ ۋەيران قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»
رۇسىيە: «ئۇكرائىنادا ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، پورتلارغا ۋە پاراخوتلارغا زەربە بەردۇق»

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنادىكى ئەشيا ئوبوروت مەركەزلىرىگە، ئامبارلارغا ۋە پورتلارغا ھۇجۇملارنىڭ قىلىنغانلىقىنى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان پاراخوتلارنىڭمۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقتىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، كېچىدە ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ ۋە ئودېسسا رايونلىرىدىكى تۈرلۈك نىشانلارنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

كىيېۋ رايونىنىڭ شچاستلىۋويې ئولتۇراق رايونىغا جايلاشقان «BDU Logistic» مەركىزىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقى خاتىرىلەنگەن باياناتتا، مەركەزنىڭ ئامبارلىرىدا ھەربىي مەقسەتلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ساقلانغانلىقى ۋە تارقىتىلغانلىقى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، بوياركا ئولتۇراق رايونىدىكى ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي سانائەت ئەسلىھەلىرىنى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەيدىغان تارقىتىش پونكىتىنىڭمۇ نىشان قىلىنغانلىقى ئىپادىلەندى.

ئودېسسا رايونىدا بولسا، ئودېسسا پورتىدا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭ نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇر ھەمبەھىرلەندى.

ئىزمائىل پورتىدا ھەربىي مەقسەتلىك يۈكلەرنى چۈشۈرۈش ۋە ساقلاشتا ئىشلىتىلىدىغان پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، ئودېسسا پورتىغا قاراپ ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئۈچۈن يۈك توشۇۋاتقان يەنە بىر قۇرۇق يۈك پاراخوتىنىڭمۇ يۈرۈش جەريانىدا ئۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭدىن سىرت مىنىستىرلىق، كېچىچە رۇسىيە زېمىنىغا ئەۋەتىلگەن ئۇكرائىناغا تەۋە 244 دانە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى