كوھات ساقچى باياناتچىسى مۇھەممەد نۇمان زېب پاكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «Express Tribune» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، ساقچى ئەترىتىنىڭ، ئافغانىستان چېگراسىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوھات ناھىيەسىدە قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ پىستىرمىسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوھات ساقچى باياناتچىسى مۇھەممەد نۇمان زېب پاكىستاندا نەشر قىلىنىدىغان «Express Tribune» گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، قانۇنسىز ئالتۇن قېزىشقا قارشى ھەرىكەت ئۈچۈن يولغا چىققان ساقچى ئەترىتىنىڭ، ئافغانىستان چېگراسىدىكى خەيبەر پاختۇنخۋا ئۆلكىسىگە قاراشلىق كوھات ناھىيەسىدە قوراللىق ھۇجۇمچىلارنىڭ پىستىرمىسىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىخەتەرلىك مەنبەلىرى بولسا ھۇجۇمدا 11 ساقچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 12 ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
5 ساقچى ئاپتوموبىلىمۇ كۆيدۈرۈۋېتىلدى. بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخى ھېچقانداق بىر تەشكىلات ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى. ھۇجۇمچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلاندى.
پاكىستاندىكى تېررورلۇق مەسىلىسى
پاكىستاندا قوراللىق ھۇجۇملار، بولۇپمۇ ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان خەيبەر پاختۇنخۋا ۋە بەلۇجىستان ئۆلكىلىرىدە كۆپ يۈز بەرمەكتە.
ھەر ئىككى ئۆلكىدە پۇشتۇن ۋە بەلۇج ئېتنىك گۇرۇپپىلىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن قوراللىق گۇرۇپپىلار، پاكىستان خەۋپسىزلىك قىسىملىرىغا ۋە پۇقرالارغا قارشى ھۇجۇم قىلماقتا.
ئىسلامئاباد، پاكىستان تالىبانلىرىنىڭ ئافغانىستاندا ئورۇنلاشقانلىقىنى ۋە ھۇجۇملىرىنى شۇ يەردىن تەشكىللەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقان بولسا، ئافغانىستان ھۆكۈمىتى بۇ دەۋالارنى رەت قىلماقتا.
بەلۇجىستاندا بولسا «بەلۇجىستان ئازادلىق ئارمىيەسى» (BLA) نىڭ ھۇجۇملىرى كۆزگە كۆرۈنمەكتە. BLA، بەلۇجىستاننىڭ پاكىستاندىن ئايرىلىشىنى ۋە بەلۇج خەلقىنىڭ بۇ رايوننى باشقۇرۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.



















