سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو شىركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى راس تانۇرادا پاچاقلاپ تاشلاندى.
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىدى / Reuters

سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى پادىشاھلىقنىڭ مۇھىم بىر نېفىت مەركىزىنى نىشانلىغان ئىراننىڭ ئىككى دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى پاچاقلاپ تاشلىدى؛ چۈشكەن بومبا پارچىلىرى سەۋەبىدىن كىچىك كۆلەملىك ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. راس تانۇرا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋاقىتلىق تاقالدى.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، دۈشەنبە كۈنى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئارامكو شىركىتىنىڭ راس تانۇرا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئەسلىھەسىنى نىشانلىغان ۋە ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىغا تاقابىل تۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ دۆلەت مۇداپىئە ۋىزارىتى باياناتچىسىنىڭ سۆزلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى:

«بۈگۈن ئەتىگەن راس تانۇرا نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان ئىككى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىر تەرەپ قىلىندى ۋە يوقىتىلدى. بۇ جەرياندا چۈشكەن بومبا پارچىلىرى ئوت ئاپىتىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پۇقرالاردىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بار - يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلمىدى.

بىر تەرەپ قىلىش ھەرىكىتى نەتىجىسىدە بومبا پارچىلىرىنىڭ پۇقرالارغا يېقىن جايلارغا چۈشكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.»

مەزكۇر ۋەقە ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بەتلىرىدە كەڭ تارقالغان كۆرۈنۈشلەردىمۇ ئەكس ئەتتى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ساھە مەنبەلىرىگە ئاساسەن ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ نېفىت ماگناتى بولغان ئارامكو شىركىتى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىدىن كېيىن راس تانۇرا زاۋۇتىنى تاقىغان. مەنبەلەر بۇ قەدەمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سۈپىتىدە تاشلانغانلىقىنى ۋە ۋەزىيەتنىڭ كونترول ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا ۋە پارىس قولتۇقى بويىغا جايلاشقان راس تانۇرا پادىشاھلىقنىڭ ئاساسلىق نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە ئېكسپورت مەركەزلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. كۈنىگە 550 مىڭ ۋارىل نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بۇ ئەسلىھە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەڭ چوڭ زاۋۇتلىرىدىن بىرىدۇر.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خەۋپسىزلىك تەدبىرلىرى بىلەن قوغدىلىدىغان ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى ئىلگىرىمۇ نىشانغا ئېلىنغان ئىدى؛ بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ گەۋدىلىكى 2019-يىلى سېنتەبىردە ئابقايق ۋە خۇرەيس ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدۇر. بۇ ھۇجۇملار پادىشاھلىقنىڭ خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ۋاقىتلىق ئىشتىن توختىتىپ، يەر شارى نېفىت بازارلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن ئىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىسرائىلىيە شەنبە كۈنى ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ، دىنىي رەھبەر ئەلى خامىنېينىمۇ  ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئىرانلىق رەھبەرنى ئۆلتۈردى. تېھران بولسا ئىسرائىلىيەنى ۋە تۈرلۈك پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى ئامېرىكا مال-مۈلۈكلىرىنى نىشانلىغان بىر يۈرۈش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئىران ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ھازىرغىچە بەھرەين، ئىراق، ئىيوردانىيە، كۇۋەيت، ئومان، قاتار، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى نىشانغا ئالدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى
بەشىكتاش كوماندىسى ياۋروپادا كۈچلۈكلۈكىنى نامايان قىلدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى