خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ئامېرىكا - ئىران ئۇرۇشىنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ قوغدىلىشىنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى

ئىيوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللاھ بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ىسرائىلىيەنىڭ ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا ئېلىپ بېرىۋاتقان خەتەرلىك ئىغۋاگەرچىلىكلىرىنى ئەيىبلىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىنغان ئورتاق باياناتتىكى ئۇچۇرغا قارىغاندا، خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ قوغدىلىشى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىن نورمال ئۆتۈشنىڭ قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ۋە ئىيوردانىيە، رايونلۇق جىددىي ۋەزىيەتنىڭ تۈپ سەۋەبلىرىنى يوقىتالايدىغان «ئومۇميۈزلۈك بىر ھەل قىلىش چارىسى» نىڭ سۆھبەت ۋە مۇزاكىرىلەر ئارقىلىق تېپىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

ئىككى دۆلەت يەنە «ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاق ۋە شەرق قۇددۇستىكى ئىسرائىلىيەنىڭ خەتەرلىك، ۋەزىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتكۈچى قىلمىشلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىدىغانلىقى» نى ئىپادىلىگەن.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئىيوردانىيە پادىشاھى ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىن ھۈسەيىن بىلەن كۆرۈشكەن.

ئىيوردانىيە پادىشاھلىق دىۋانىنىڭ X تىكى ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، خىتاي باش مىنىستىرى لى چياڭمۇ پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھ بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مۇھىم ئىقتىسادىي ساھەلەردە كۈچەيتىش يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىيوردانىيە پادىشاھى خىتاينىڭ ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىقتىسادىي شېرىك سۈپىتىدىكى رولىنى تەكىتلىگەن ۋە ئىيوردانىيەنىڭ ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىغا «سۇنىدىغان نۇرغۇن نەرسىسى بارلىقى» نى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە ئۆزئارا سودا بىلەن مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن چوڭ پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتقان.

پادىشاھ ئىككىنچى ئابدۇللاھنىڭ دۆلەت زىيارىتى، ئۇنىڭ خىتايغا قىلغان توققۇزىنچى قېتىملىق سەپىرى ۋە 2015-يىلىدىن بۇيانقى تۇنجى زىيارىتى بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ئاخىرلاشقان. زىيارەت خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىلەردىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان.

خىتاي ئىيوردانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودا ئومۇمىي سوممىسى تەخمىنەن 6.7 مىليارد دوللار سەۋىيەسىگە يەتكەن.

بۇنىڭدىن سىرت، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى پادىشاھنىڭ زىيارىتىگە ھەمراھ بولغان ئىيوردانىيەلىك مەنسەپدىشى ئايمان سافادى بىلەن كۆرۈشكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 - يىللىقى ھارپىسىدا ئىستراتېگىيەلىك رمۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرگەن.

سافادى ئىيوردانىيەنىڭ «بىر خىتاي» پرىنسىپىغا بولغان كەسكىن سادىقلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ۋە بېيجىڭنىڭ رايوندىكى ئىجابىي دىپلوماتىك رولىغا يۇقىرى باھا بەرگەن.

رايونلۇق تەرەققىياتلار ئۈستىدە توختالغان ۋاڭ يى، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقنىڭ مۇقىملىقى جەھەتتىن مەركىزىي ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قېلىۋاتقانلىقىنى ۋە سەل قارىماسلىق كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يۆنىلىشىدە داۋاملىشىۋاتقان سۆھبەتكە چاقىرىق قىلغان.  سافادى بولسا ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن ۋە خىتاينىڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Jordanian King Abdullah begins China visit amid Middle East tensions
ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى