سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
پاكىستان دائىرىلىرى ھاۋا تېمپېراتۇراسىنىڭ ئۆرلىشىنىڭ مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىنى، ھەمدە كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يېقىنقى يىللاردا يامغۇر پەسلىنىڭ بارغانسېرى ئاپەت پەسلىگە ئايلىنىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.
پاكىستاندا كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 300 دىن ئاشتى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى دەريادا كەلكۈندە، سۇغا چۆكۈپ كەتكەن ئاپتوموبىللار. سۈرەت: ئا پ، 15-ئاۋغۇست. / AP

يەرلىك ئەمەلدارلار شەنبە كۈنى (16-ئاۋغۇست) پاكىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ۋە كەلكۈن ئاپىتىدە جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 300 دىن ئاشقانلىقىنى؛ يېقىنقى ھەپتىلەردە ھازىرقى يامغۇر پەسلىدە نورمىدىن ئارتۇق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن يوللارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ۋە ئىمارەتلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، يۈزلىگەن كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۆلەتلىك ئاپەت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى- 211 ئادەم بىلەن تاغلىق خەيبەر پاختونخۋا ئۆلكىسىدە تىزىمغا ئېلىنغان.

پاكىستان باشقۇرۇشىدىكى كەشمىردە توققۇز ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان، شىمالدىكى گىلگىت-بالتىستان رايونىدا بەش ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان. ئۆلۈمنىڭ كۆپىنچىسى تۇيۇقسىز كەلگەن كەلكۈن ۋە ئۆيلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرىدە يۈز بەرگەن، ئاپەتلەردە  ئادەم يارىلانغان.

مېتېرولوگىيە ئىدارىسى كەلگۈسى بىر نەچچە سائەت ئىچىدە پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، كىشىلەرنى «ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى» نى ئېلىشقا چاقىردى.

جۈمە كۈنى باجائۇر رايونىغا ياردەم بۇيۇملىرىنى توشۇۋاتقان بىر تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى.

يوللار تاقالدى، قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى پىيادە قالدى

ھۆكۈمەت ئېغىر دەرىجىدە ئاپەتكە ئۇچرىغان تاغلىق رايونلاردىن بونېر، باجائۇر، سۋات، شاڭلا، مانسېخرا ۋە باتتاگرامنى ئاپەت رايونى دەپ ئېلان قىلدى.

خەيبەر پاختۇنخۋا ئىشتاتى قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى بىلال ئەھمەد فايزى  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) غا، تەخمىنەن 2000 قۇتقۇزۇش خادىمىنىڭ توققۇز ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندا خارابىلىكلەردىن جەسەتلەرنى چىقىرىش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

 ئۇ مۇنداق دېدى:

«شىددەتلىك يامغۇر، بىر قانچە رايوندىكى تاغ گۈمۈرۈلۈش ۋە بۇزۇلۇپ كەتكەن يوللار ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈشتە، بولۇپمۇ ئېغىر تىپتىكى ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر ۋە قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرىنىڭ مېڭىشىدا زور قىيىنچىلىقلارنى پەيدا قىلماقتا. كۆپ قىسىم رايونلاردا يوللار تاقالغانلىقتىن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىراق رايونلارغا يېتىپ بېرىش ئۈچۈن پىيادە مېڭىۋاتىدۇ.»

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«ئۇلار ھايات قالغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەمما، تۇغقانلىرى جېنىدىن ئايرىلغانلىقى ياكى يېقىن كىشىلىرى خارابىلىك ئاستىدا قاپسېلىپ قالغانلىقى سەۋەبىدىن يۆتكىلىۋاتقان كىشىلەر ناھايىتى ئاز.»

ئىزدىنىڭ
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىگە قارىماي، رايوندا تىنچلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ئەتە كانادادا زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركىيە ۋاسكېتبول دۇنيا لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسى رەت تەرتىپىدە بىرىنچى بولدى
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
تۈرك دۆلەتلىرى تۈركىيەنىڭ كېلىشىمنى تەستىقلىشى بىلەن رەقەملىك سودا رامكىسىنى كېڭەيتمەكتە
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
فىرانسىيە كوماندىسى ئىراقنى يېڭىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى
ئامېرىكا لىۋاندىكى ئۇرۇش توختىتىشنى نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى يولغا قويدى
ياۋروپادا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش: تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كېتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
ھالاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 32 كۈچلۈك كوماندىسى قاتارىغا كىردى
تۈرك دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە رەقەملىك مۇلازىمەتلەردە قولايلىق يارىتىلىدۇ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
تۈركمەنىستان پىرېزىدېنتى سەردار بەردىمۇھەممەدوۋ ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولدى
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى