سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
يەمەندىكى ھۇسىيلار بىر مەزگىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىنى ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشان قىلماقتا.
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى
سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى ئارمىيەنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا چاقىردى

سەئۇدى ئەرەبىستان باش مۇفتىسى سالىھ ئەلفەۋزان يەمەندە خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىگە دىققەت تارتىپ، ئارمىيە خادىملىرىنى ھۇسىيلارغا قارشى جېنى بىلەن كۈرەش قىلىشقا تەييار تۇرۇشقا چاقىردى.

سەئۇدى ئەرەبىستان رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى SPA نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش مۇفتى فەۋزان سەئۇدى ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدىكى ئەرەب ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيە خادىملىرىنى بىرلىك ئىچىدە ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشقا رىغبەتلەندۈرگەن.

يەمەندە خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشنىڭ ئەڭ زۆرۈر ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن فەۋزان، ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنى سەپلىرىنى زىچ تۇتۇشقا چاقىرىپ مۇنداق دېگەن:

 «شۇنى بىلىڭلاركى، سىلەر دۆلەتتە پىتنىخورلۇق تارقاتقان، خەلقنى پارچىلىغان، رەھبەرلىرىگە ئىسيان كۆتۈرگەن ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە ئۇرۇنغان بىر دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتىسىلەر.»

سەئۇدى ئەرەبىستان ئارمىيە خادىملىرىنى سەۋرچانلىق بىلەن ۋەزىپە ئۆتەشكە چاقىرغان فەۋزان: «سىلەر ھەر ۋاقىت ۋەزىپە ئۆتەشكە، باشلىقلىرىڭلار ۋە مەيدان قوماندانلىرىڭلارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىشقا ھەمدە بۇيرۇقلارنى ئەڭ يۇقىرى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىجرا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىڭلار كېرەك» دېدى.

فەۋزان دۆلەتنى قوغداش، چېگرالاردا مۇداپىئەدە تۇرۇش، تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇملىرىنى چېكىندۈرۈش ۋە دۆلەت زېمىنىغا چېقىلماقچى بولغانلارنى جازالاشنىڭ ئەڭ چوڭ ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس جايلىرى جايلاشقان بۇ دۆلەتنى قوغداش ئۈچۈن كىشىلەرنىڭ جېنىنى پىدا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە سىگنال بەردى.

يەمەندىكى ھۇسىيلار بىر مەزگىلدىن بۇيان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چېگرا رايونلىرىنى ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلىرىنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن نىشان قىلماقتا.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى