كۇشنېر: ھاماس غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە «ياخشى نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا»

ترامپ غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا-قايتا قىلغان ھۇجۇملىرىغا قارىماي، ئۈنۈملۈك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

Gaza City amid a ceasefire between Israel and Hamas. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ كۈيئوغلى ۋە غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئاساسلىق سۆھبەتلەشكۈچىلىرىدىن بىرى بولغان جارېد كۇشنېر، ھاماس ھەرىكىتىنىڭ كېلىشىم دائىرىسىدە «ياخشى نىيەت بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى» ئېيتتى. ئۇ، بۇ باھاسىنى سۆھبەتلەرگە قاتناشقان رايونلۇق ۋاسىتىچىلەردىن ئالغان ئۇچۇرلار ئارقىلىق دەلىللىدى.

يەكشەنبە كۈنى CBS قانىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر سۆھبەتتە سۆز قىلغان كۇشنېر، ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ۋاسىتىچىلەرنىڭ، ھاماس غەززەدە تۇتقۇن قىلىۋالغان ئىسرائىلىيە ئەسىرلىرى ۋە جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كېلىشىمنىڭ ئىجراسىنى ئورتاق نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ۋاسىتىچىلەردىن بىزگە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئۇلار ھازىرغىچە كېلىشىمگە سادىق تۇرماقتا» دېگەن كۇشنېر، ھاماسنىڭ كېلىشىمنى ئورۇندىغان-ئورۇندىمىغانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا: «بۇ ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما بىز ھازىر ئۇلارنىڭ كېلىشىملىرىگە سادىق تۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرمەكتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

ترامپ ھۆكۈمىتىگە غەيرىي رەسمىي مەسلىھەتچىلىك قىلىۋاتقان كۇشنېر، ۋاشىنگتوننىڭ «ئىككى تەرەپنى بىر-بىرىنى ئەيىبلەشتىن بەكرەك، ھەل قىلىش چارىسى تېپىشقا مەركەزلىشىپ، ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتۇشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىدى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

كۇشنېر يەنە، ئۆلگەن ئەسىرلەرنىڭ جەسەتلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىشتا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنىشىنىڭ، ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى بىلەن قاتار، مىسىر ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن ۋاسىتىچىلەرنىڭ ھاماس ئەمەلدارلىرىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈشى ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

بۇ جەرياندا، ترامپ، غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ، نەچچە ئونلىغان كىشىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىغا قارىماي، ئۈنۈملۈك داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىقنى داۋاملىق ساقلاشنى خالايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئالاھىدە ۋەكىلى ستېۋ ۋىتكوف، غەززەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىن قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن بىر «ئاساسىي پىلان» نىڭ تەييار ئىكەنلىكىنى ۋە قايتا قۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ ئەرەب ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

CBS  قانىلىدا سۆز قىلغان ۋىتكوف، تەخمىنەن 50 مىليارد دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن بۇ پىلاننىڭ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن غەززەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋىتكوف: «مېنىڭچە بۇ بەك قىممەتكە چۈشىدۇ. مۆلچەرلەر 50 مىليارد دوللار ئەتراپىدا. ئازراق ئاز ياكى ئازراق كۆپ بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۇ، شۇ رايون ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە زور سومما ئەمەس. ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ھۆكۈمەتلەر بار» دېدى.