ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنت سارىيى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا  بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ سۈرىيەنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا «بىۋاسىتە» بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە / AA
2025-يىلى7-ئاينىڭ18-كۈنى

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەت يىلدىز خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە، ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە پىرېزىدېنت سارىيى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ھۇجۇم قىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ياكى پۈتكۈل رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلىدى، دەپ كۆرسەتتى.

تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيەگە قاراتقان ئۈزلۈكسىز ھەربىي ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇدا ئون يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن، دۆلەتنىڭ مۇقىملىق ۋە قايتا قۇرۇش يولىغا قەدەم قويۇشىغا بىۋاسىتە توسالغۇ پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتنى ئاگاھلاندۇردى.

تۈركىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى ئەھمەت يىلدىز پەيشەنبە كۈنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى:

«14 يىللىق ئازاب-ئوقۇبەتتىن كېيىن، سۈرىيە خەلقى ئاخىرى تىنچلىق ۋە مۇقىملىق پۇرسىتىگە ئېرىشتى.»

 يىلدىز سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، ئۇلار بۇ نىشانغا يېتىش يولىدا تېز قەدەم تاشلىدى ۋە يېقىنقى يەتتە ئاي ئىچىدە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى» دېدى ھەمدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ كەڭ كۆلەملىك قاتنىشىشى ئارقىلىق مىللىي يارىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

يىلدىز تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ دۆلەتنى قايتا قۇرۇش ۋە تىنچلىق مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تىرىشچانلىقلارغا قارىتا خەلقئارادىكى ئورتاق تونۇشنىڭمۇ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ 8-دېكابىردىن بۇيانقى «رەھىمسىزلەرچە ھۇجۇملىرى» نىڭ بۇ ئىجابىي ۋەزىيەتنى بۇزۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

يىلدىز مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:

«ئىسرائىلىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز تاجاۋۇزچىلىقى سۈرىيەنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئاساسىدىكى دۆلەتنى قايتا قۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا بىۋاسىتە بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ئارىلىشىشلىرى ۋە ئىغۋاگەرچىلىك خاراكتېرىدىكى باياناتلىرى بۇ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئېغىر تەھدىت سالماقتا.

سۈرىيە پىرېزىدېنت سارىيى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا ھۇجۇم قىلىشى ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ياكى رايوننىڭ تىنچلىقى ھەم مۇقىملىقىغا قىلچە كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا كۆرسىتىپ بەردى.»

يىلدىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى ئىسرائىلىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنى رەت قىلىشقا چاقىرىپ، بۇ ھۇجۇملارنىڭ «رايوننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يېتىمىنى كۆپەيتىۋاتقانلىقىنى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى ھەمدە «بۇ ھۇجۇملارنىڭ كۆلىمى ۋە جۇغراپىيەلىك دائىرىسى ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئىلگىرىكى ھاكىمىيەتكە قىلىنغان ھۇجۇملاردىن كۆپ ئېشىپ كەتتى» دەپ تەكىتلىدى.

يىلدىز سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، سۈرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە 1974-يىلدىكى قوشۇن چېكىندۈرۈش كېلىشىمىنى قوغداش كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«سۈرىيەلىكلەرنىڭ بۇ يولدا يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نامايەن قىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەخلاقىي بۇرچىدۇر.»

 سۈۋەيدادىكى توقۇنۇشلار ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى

13-ئىيۇل كۈنى سۈۋەيدا ۋىلايىتىدە بەدەۋى ئەرەب قەبىلىلىرى بىلەن قوراللىق دۇرزى گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا كىچىك كۆلەملىك توقۇنۇش يۈز بەردى. دۇرزى گۇرۇپپىلىرىنىڭ رايوندىكى بىخەتەرلىك قىسىملىرىغا قىلغان ھۇجۇمىدا نۇرغۇن ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلدى.

توقۇنۇشلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ كېلىشىم بۇزۇلدى ۋە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى نىشان قىلىپ ھۇجۇمغا ئۆتتى.

پەيشەنبە كېچىسى ئىسرائىلىيە سۈۋەيدا شەھىرىنىڭ ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى. يەرلىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈۋەيدا شەھىرىنىڭ يېزا - قىشلاقلىرىدىكى ۋالگا كەنتى ئالاھىدە نىشان قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەردە ياشايدىغان بەدەۋى جامائىتى ئارىسىدا ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 16-ئىيۇل كۈنى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى دەمەشقتىكى سۈرىيە پىرېزىدېنت سارىيى، باش ئىشتاب باشقارمىسى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنى بومباردىمان قىلدى. شۇ كۈنى، ھۆكۈمەت بىلەن سۈۋەيدادىكى يەرلىك گۇرۇپپىلار ئوتتۇرىسىدا قايتىدىن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بىر پەيتتە، ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم دەمەشق ۋە دىرئە شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلدى.

دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ سۈۋەيدادىن چېكىنىشىدىن كېيىنكى يەرلىك توقۇنۇشلار ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە يۈزلەرچە كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە تۈركىيە ۋە باشقا ئون ئەرەب دۆلىتى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەنىڭ بىرلىكى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى، ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە زېمىنلىرىغا قايتا-قايتا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋىزارىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە باياناتتا، تۈركىيە، ئىيوردانىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىراق، ئومان، قاتار، كۇۋەيت، لىۋان ۋە مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قىلىنىدىغان ھەر تۈرلۈك تاشقى ئارىلىشىشلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلار سۈۋەيدادا ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى مەمنۇنىيەت بىلەن قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، كېلىشىمنىڭ تولۇق ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلدى ھەمدە بۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، پۇقرالارنى ئاسراش ۋە قانۇنچىلىقنى قايتا تىكلەش جەھەتتە ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە ئورتاق گەۋدىسى باش كاتىپى قۇللۇق تۆلەم سۆھبەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بارلىقىنى بىلدۈردى
ھىندونېزىيە: غەززە تىنچلىق ساقلاش قوشۇنىنىڭ ئومۇمىي ئەسكەر سانى 20 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى