ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي ئىراقتا مېتان گازى سەۋەبىدىن 12 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە رايونغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ۋە ھەربىي ھەرىكەتلەرگە قوماندانلىق قىلماقتا.
شىمالىي ئىراقتا مېتان گازى سەۋەبىدىن 12 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى
شىمالىي ئىراقتا مېتان گازى سەۋەبىدىن 12 تۈركىيە ئەسكىرى شېھىت بولدى / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ شىمالىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش – تەكشۈرۈش  ھەرىكىتى جەريانىدا مېتان گازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 12 تۈركىيە ئەسكىرىنىڭ شېھىت بولغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ ۋەقە يەكشەنبە كۈنى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتى رايونىدىكى 852 مېتىر ئېگىزلىكتە، تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك ئەزالىرى پاناھلانغان بىر غاردا ئېلىپ بېرىلغان ئاختۇرۇش-تەكشۈرۈش پائالىيىتى جەريانىدا يۈز بەردى.

ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا 19 خادىم گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلاردىن تۆتى ھاياتىدىن ئايرىلدى. شۇنىڭ بىلەن، مېتان گازىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ شېھىت بولغانلارنىڭ سانى 12 گە يەتتى.

 بۇ ھەربىي ھەرىكەت 2022-يىلى پ ك ك تېررورچىلىرى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان بىر ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى تېپىش خىزمىتىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانلار بىلەن بىرلىكتە رايونغا يېتىپ بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى ۋە شېھىتلارنى ئاخىرەتكە ئۇزىتىپ قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلغان  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«بىزنى چوڭقۇر قايغۇ ۋە ئازابقا سالغان بۇ ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەزىز شېھىتلىرىمىزغا ئاللاھتىن رەھمەت، ئۇلارنىڭ مۇسىبەتلىك ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا، تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرىغا ۋە ئەزىز خەلقىمىزگە تەزىيە بىلدۈرىمىز ھەم سەۋر - تاقەت تىلەيمىز، گازنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان يارىدارلىرىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز.»

پ ك ك تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىلگەن بولۇپ، 40 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۈركىيەگە قارشى قانلىق بىر توپىلاڭنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.

تۈركىيە بۇ تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 2022-يىلى «پەنجە – قۇلۇپ» ھەربىي ھەرىكىتىنى قوزغاپ، شىمالىي ئىراقتىكى مەتىنا، زاپ ۋە ئاۋاشىن-باسيان رايونلىرىدىكى پ ك ك غا تەۋە پاناھلىنىش ئورۇنلىرىنى زەربە بېرىش نىشانى قىلدى.

پ ك ك ھەر دائىم شىمالىي ئىراقنى تۈركىيەگە قارشى چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملارنى پىلانلاش ۋە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بازا قىلىپ ئىشلىتىپ كەلمەكتە.

تۈركىيە دائىرىلىرى ئەنقەرەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەھدىنامىسىنىڭ 51-ماددىسىغا ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى ۋە قوراللىق ھۇجۇملارغا ئۇچرىغاندا قانۇنلۇق ئۆزىنى قوغداش ھوقۇقىنى ئىشلەتكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيە بىلەن ئىراق ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك كېلىشىملەر تۈركىيەنىڭ ئىراق زېمىنلىرىدا  تېررورىزمغا قارشى كۈرەش  ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بېرىشىغا زېمىن ھازىرلاپ بەرمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز