خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: نېتانياھۇ ئەسىرلەرنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا
پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس، ئەسىرلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ غەززە خەلقى دۇچ كېلىۋاتقان ئاچارچىلىق، ئاجىزلىق ۋە ئورۇقلاپ كېتىش قاتارلىق ئېغىر كۈنلەرنىڭ دەل ئۆزىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھاماس: نېتانياھۇ ئەسىرلەرنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنماقتا
/ Reuters Archive
2025-يىلى8-ئاينىڭ4-كۈنى

بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ھاماس ئەمەلدارى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنى تېپىپ ئۆلتۈرەلمىگەندىن كېيىن، ئۇلارنى ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلىدى.

ھاماس سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى ئىززەت رىشق يەكشەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، نېتانياھۇ ۋە ئۇنىڭ «ناتسېست ھۆكۈمىتى»نىڭ غەززە خەلقىگە يۈرگۈزگەن ئاچ ۋە ئۇسسۇز قالدۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەمدىلىكتە ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرگىمۇ تەسىر قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ئەھۋالىغا دائىر پۈتۈن مەسئۇلىيەتنىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يەلكىسىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىززەت رىشق پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرگە دىنىي ۋە ئىنسانىي پىرىنسىپلارغا ئۇيغۇن ھالدا مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ۋە سۈيىنى پەلەستىن خەلقى بىلەن ئوخشاشلا ئۇلار بىلەن تەڭ بەھىرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئىلگىرىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇشلاردا، ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ياخشى ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈپ، ھازىرقى تۇتقۇنلارنىڭ بولسا ئاچلىق، ئاجىزلىق ۋە ئورۇقلاشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ بۇ ئەھۋالنىڭ، قورشاۋ ئاستىدىكى غەززە خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا ئوخشايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ يەنە نېتانياھۇنىڭ غەززە خەلقىگە يۈرگۈزگەن بېسىمىنىڭ ئەسىرلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى رەھىمسىز ئاچلىق بىلەن «تەربىيەلەشكە» ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىززەت رىشق غەززەدىكى ئاچ قويۇش سىياسىتىنىڭ نېتانياھۇنىڭ تۇتقۇنلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «نېتانياھۇ تۇتقۇنلارنى ھاۋا ھۇجۇملىرىدا تېپىپ ئۆلتۈرەلمىگەچكە، ئەمدى ئۇلارنى ئاچ قويۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ.»

تېل ئاۋىۋ غەززەدە 50 نەپەر ئىسرائىلىيەلىكنىڭ ئەسىر تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، بۇلاردىن 20 نەپىرىنىڭ ھايات ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىمەكتە. پەلەستىنلىك ۋە ئىسرائىلىيەلىك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە 10 مىڭ 800 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك مەھبۇس بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى قىيىن-قىستاق، ئاچلىق ۋە داۋالاشقا سەل قاراش قاتارلىق مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە ئىكەن.

ئاچارچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق

پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات بېرىپ، قورشاۋدىكى رايوندا يەنە ئالتە پەلەستىنلىكنىڭ ئاچلىقتىن قازا قىلغانلىقىنى، 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان ئاچلىقتىن قازا قىلغانلار سانىنىڭ 175 كە يەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ 93 ىنىڭ بالا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىسرائىلىيە غەززەدىكى قەتلىئامىدا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى.

پەلەستىن رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى—ۋافانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

بىراق، مۇتەخەسسىسلەر غەززەدىكى مەسئۇللار ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا.

ئىسرائىلىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق جەريانىدا قورشاۋدىكى رايوننىڭ كۆپ قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، نوپۇسنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھەممىسىنى يۇرت-ماكانىدىن مەھرۇم قىلدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايونغا قاراتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېلوسىغا دۇچ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ئىران سەھىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا - ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ئۆلگەنلەر سانى 926 گە يەتتى
ئىسپانىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكاغا «قارىغۇلارچە قۇل بولۇش» نى رەت قىلدى
تۈركىيە تەۋەلىكىگە يۈزلەنگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋادا يوقىتىلدى
كۇۋەيتكە تەۋە ئۇرۇش ئايروپىلانى ئامېرىكانىڭ ئۈچ دانە «F-15» ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردى
ئۆزبېكىستان بالىلارغا جىنسىي زوراۋانلىق جىنايىتىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشنى يولغا قويدى
ئامېرىكا يېڭىلانغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشىدا تۆت ئەرەب دۆلىتىنىڭ ساياھەت خەتەر دەرىجىسىنى ئۆستۈردى
خىتاي بەش يىللىق تەرەققىيات پىلانىنى بېكىتىش ئۈچۈن چوڭ تىپتىكى سىياسىي يىغىنلىرىنى باشلىدى
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
«ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش»
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت پاراخوتلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوغدايدۇ
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن