خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
دائىرىلەرنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، رۇسىيەنىڭ دۈشەنبە كۈنى كىيېۋ رايونىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 10 ئادەم قازا قىلغان بولۇپ، قازا قىلغانلار سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيەنىڭ كىيېۋدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدىن كېيىنكى كۆرۈنۈش. (رويتېرس)

رۇسىيە دۈشەنبە كۈنى سەھەردە ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋ رايونىغا قارىتىپ كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىدى؛ ئۇكرائىنا دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 10 كىشى قازا قىلغان، 61 كىشى يارىلانغان.

كىيېۋ ھەربىي مەمۇرىي مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى تىمۇر تىكاچېنكو تېلېگرام قانىلىدا پايتەختتە 9 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 46 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ھۇجۇملارنىڭ كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلغانلىقىنى مەلۇم قىلىپ: «ئەپسۇسكى، بۇ ئاخىرقى ئېنىق سانلىق مەلۇمات ئەمەس. قۇتقۇزۇش خىزمىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا» دېدى.

كىيېۋ رايونلۇق ۋالىيسى مىكولا كالاشنىك بولسا پايتەخت ئەتراپىدىكى ئولتۇراق رايونلاردا بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

كالاشنىك تېلېگرامدىكى ئادرېسىدا: «رۇسىيە يەنە بىر قېتىم بىلىپ تۇرۇپ پۇقرالارنى ۋە پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرنى نىشان قىلماقتا» دەپ يازدى.

كىيېۋ شەھەر باشلىقى ۋىتالى كلىتچكو دارنىتسكىي رايونىدا ۋەيران بولغان بىنالارنىڭ پارچىلىرى 25 قەۋەتلىك بىر تۇرالغۇ بىناسىغا تېگىپ، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ئاھالىلەرنىڭ قاپسىلىپ قالغانلىقىنى مەلۇم قىلدى؛ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى 22 ئادەمنى بىخەتەر رايونغا تارقاقلاشتۇردى.

قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن ئۇزۇن مۇساپىلىك قوراللار ئىشلىتىلدى

كلىتچكو يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمدا، ئوخشاش بىر رايوندىكى 30 قەۋەتلىك تۇرالغۇ بىناسىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىگە ئوت كەتكەنلىكىنى؛ بىنادىكىلەرنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

شەھەر باشلىقى پودىلسكىي رايونىدا خارابىلىك پارچىلىرىنىڭ 21 قەۋەتلىك بىر ئولتۇراق بىناغا قىسمەن زىيان سالغانلىقىنى؛ ئوبولونسكىي رايونىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىنىڭ بىر ئامبار ۋە تۇرالغۇ قىلىنمىغان باشقا بىر بىنادا زىيان پەيدا قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىزدىن ئۇزۇن مۇساپىلىك، يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى قوراللار ۋە ھۇجۇمچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىپ كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى؛ بۇنىڭ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيەدىكى پۇقراۋى ئۇل ئەسلىھەلەرگە قاراتتى دەپ دەۋا قىلىنغان «تېررورلۇق ھۇجۇملىرى» غا قايتۇرۇلغان زەربە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىقنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى مەكىس (Max) تە ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ ھۇجۇملار كىيېۋ ۋە كىيېۋ رايونىدىكى ھەربىي-سانائەت ئەسلىھەلىرىنى، يېقىلغۇ ۋە ئېنېرگىيە ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەلىرىنى، شۇنداقلا دنىپروپېتروۋىسكىي، پولتاۋا، چەركاسى  ۋە چېرنىخىۋ رايونلىرىدىكى ھەربىي ئايرودروم ئۇل ئەسلىھەلىرىنى نىشان قىلدى»، دېيىلدى.

داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش سەۋەبىدىن، تىلغا ئېلىنغان بۇ دەۋالارنى مۇستەقىل مەنبەلەردىن دەلىللەش يەنىلا قىيىن بولماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانى ئىسلامئاباد كېلىشىمىگە «روشەن» خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى
كىرېمىل: ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى مۇداپىئە سانائىتى مۇنبىرى بىلەن باشلاندى
مىنىستىر فىدان: «ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى ياۋروپا ئىتتىپاقىغىلا يىغىنچاقلاشقا بولمايدۇ»
فىدان ئەنقەرەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئامېرىكالىق كېڭەش پالاتا ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى