خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەفراھ ئەززۇبە ئامېرىكانى ئىراننىڭ ھۇسىيلارغا قورال، مەبلەغ ۋە ھەربىي تەجرىبە يەتكۈزۈشىنى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەم بېسىشقا چاقىردى. ئۇ سىياسىي باياناتلارنىڭ ئەمەلىي تەدبىرلەرگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يەمەن ئامېرىكانى ھۇسىيلارغا بېرىلىۋاتقان ياردەمنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەفراھ ئەززۇبە

يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەفراھ ئەززۇبە قىزىل دېڭىز ۋە بابۇلمەندەپ بوغۇزىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، ئامېرىكانى «ئىراننىڭ ھۇسىيلارغا يەتكۈزۈۋاتقان قورال، مەبلەغ ۋە ھەربىي تەجرىبە ئېقىمى»نى توختىتىش ئۈچۈن كونكرېت قەدەم بېسىشقا چاقىردى.

يەمەننىڭ رەسمىي «SABA» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەززۇبە ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئىشلار ۋاكالەتچىسى نېئال خوپ بىلەن ئۆتكۈزگەن تېلېفون سۆھبىتىدە، دۆلەتتىكى يېقىنقى ئۆزگىرىشلەرنى ۋە ھۇسىيلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ رايون بىخەتەرلىكى بىلەن خەلقئارا دېڭىز قاتنىشىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مۇزاكىرە قىلغان.

«پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرى ۋە دېڭىز قاتنىشى بىخەتەرلىكى زەربە ئوبيېكتى قىلىنماقتا»

سۆھبەتتە غەربىي دېڭىز قىرغىقى ۋە بابۇلمەندەپتىكى ۋەزىيەت، شۇنداقلا «ھۇسىيلارنىڭ پۇقرالار ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يەتكۈزگەن زىيىنى» ۋە ئاھالىنىڭ يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىشى مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئەززۇبە يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىيچىلىككە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى، پۇقرالارنى قوغداش ۋە پۈتۈن دۆلەت مىقياسىدا ئىگىلىك ھوقۇقنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىزچىل مەيدان تۇتۇپ، يەمەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھۆكۈمىتىنى قوللىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئەززۇبە ھۇسىيلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ پەقەت يەمەنگىلا ئەمەس، رايون مۇقىملىقى ۋە دۇنيا سودىسىغىمۇ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، سىياسىي باياناتلارنىڭ ئەمدى ئەمەلىي تەدبىرلەرگە ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ھۇسىيلارنىڭ «ئازدۇرغۇچى كاپالەتلەر»نى بېرىش ئارقىلىق ۋاقىت ئۇتۇشقا، قايتا قوراللىنىشقا، غەربىي دېڭىز قىرغىقى ۋە بابۇلمەندەپتىكى كونتروللۇقىنى كۈچەيتىپ رايون دۆلەتلىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئىشلار ۋاكالەتچىسى نېئال خوپ بولسا، ھۇسىيلارنىڭ خەلقئارا دېڭىز قاتنىشى ۋە رايون بىخەتەرلىكىگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى. ئۇ ۋاشىنگتوننىڭ يەمەن ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنى قوللاشنى، مۇقىملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى داۋاملاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىنى تەكرارلىدى.

يەمەندىكى توقۇنۇشلار

يەمەندە ئىيۇل ئېيىدىن بۇيان قايتا كۈچەيگەن توقۇنۇشلار جەڭ ساھەلىرىدىكى كونترول خەرىتىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرتتى.

ھۇسىيلار ھۇدەيدە ۋىلايىتىنىڭ ھەممىسىنى كونترول قىلغاندىن كېيىن، تەئىزنىڭ غەربىگە قاراپ ئىلگىرىلەپ، قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى مۇخا قاتارلىق شەھەرلەرنى ۋە بابۇلمەندەپكە تۇتىشىدىغان يوللارنىمۇ ئىگىلىدى.

ھۇسىيلارنىڭ تەئىزگە قاراشلىق مۇخا شەھىرىدىن كېيىن، بابۇلمەندەپ بوغۇزى ئەتراپىدىكى ھانىش تاقىم ئاراللىرى، مەييۇن ئارىلى ۋە زۇبابنىمۇ ئىگىلىشى توقۇنۇش مەيدانىدا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى.

ئىزدىنىڭ
CNN: ئامېرىكا ئىرانغا قارشى GBU-43/B بومبىسىنى ئىشلىتىشنى ئويلاشماقتا
ئۇ ھ ئا ھۇجۇمىدىن كېيىن رۇسىيەنىڭ رىيازان رايونىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ب د ت: ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قائىدىگە خىلاپ قىلمىشلىرى داۋاملاشماقتا
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر ئۇرۇش ئايروپىلانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
شىمالىي كورېيە ئىككى خىل ئىستراتېگىيەلىك قاناتلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
ناتو باش كاتىپى: ناتو زۆرۈر تېپىلغاندا رۇسىيەنىڭ ئارىلاشما ھۇجۇملىرىغا جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمى: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇم باشلاش ئېھتىماللىقى بار
كەركۈكتە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 2 ئىراق ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 2 مىليارد 860 مىليون ياۋرو مۇداپىئە ياردىمى بەردى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: سۇداندىكى بالىلار يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە قارشى مۇداپىئەسىز ھالەتتە تۇرماقتا
مېكسىكادا بوران-چاپقۇن ۋە قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكا دائىرىلىرى كۆچمەنلەر تەكشۈرۈشىدە ئىلھان ئۆمەرنىڭ تۇغقانلىرىنى گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىردى
فىرانسىيە پارلامېنتى جىنسىي تاجاۋۇزچىلىققا قارشى كۈرەشكە ئائىت قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىدى
«Axios» تورى ترامپ بىلەن نېتانياھۇنىڭ ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلىشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى
رۇسىيە: كىيېۋ ۋە خاركىۋ رايونلىرىدىكى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق
سۈرىيەنىڭ ھاما ۋىلايىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 4 نەپەر بىخەتەرلىك خادىمى قازا قىلدى
ئىران: ئۇرۇش ۋە ئېمبارگولارغا قارىماي 5 مىليون 140 مىڭ توننا نېفىت مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىندى
پاشىنيان: ئەزەربەيجان بىلەن تىنچلىق ئورنىتىش ئەرمېنىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم
پاكىستاندا يولۇچىلار پويىزىنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 كىشى ئۆلدى
زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىش باياناتىدىن كېيىنمۇ روسىيەنىڭ  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيىبلىدى