سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئىراننى ئاگاھلاندۇردى
ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە يادرو سۆھبىتى باشلانمىغان تەقدىردە، تېھرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىراننى ئاگاھلاندۇردى.
ئەنگىلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئىراننى ئاگاھلاندۇردى
/ Reuters

«Financial Times» گېزىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگىلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا تېھران يادرو پىروگراممىسى مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سۆھبەتنى قايتا باشلىمىغان تەقدىردە، ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ مەكتۇپ يوللىغان.

بۇ مەكتۇپ، 2015-يىلىدىكى يادرو كېلىشىمىنىڭ ياۋروپالىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئالدىنقى ئايدا ئىستانبۇلدا ئىران بىلەن ئامېرىكا-ئىران يادرو سۆھبىتىنى قايتا باشلاش مەقسىتىدە ئۆتكۈزگەن سۆھبەتلىرىدىن كېيىن يوللانغان.

خەۋەرگە قارىغاندا، E3 گۇرۇپپىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا يازغان خېتىدە، ئىران ھەرىكەتكە ئۆتمىگەن تەقدىردە،  ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقى توغرىسىدا تېھراننى ئاگاھلاندۇرغان.

مىنىستىرلار خېتىدە مۇنداق دېگەن:

«ئەگەر ئىران 2025-يىلى 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە دىپلوماتىك ھەل قىلىش چارىسىگە يېقىنلاشمىسا ياكى بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويسا، E3 گۇرۇپپىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرانغا قايتىدىن ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارمىز.»

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تۇنجى ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىدە، تېھراننىڭ يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قوللىغۇچىلىرى ئۈنۈملۈك دەپ قارىغان 2015-يىلى ئىران  بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن 2018-يىلى ئۆز ئالدىغىلا چېكىنىپ چىققان ئىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئىران يادرو پىروگراممىسىنىڭ تىنچلىق مەقسىتىدە ئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرمەكتە.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

ئىزدىنىڭ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ