سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
كالىفورنىيە تېكساسقا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى
كالىفورنىيە تېكساسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سايلام رايونلىرىنى قايتا ئايرىش پىلانىنى ئېلان قىلدى.
كالىفورنىيە تېكساسقا تاقابىل تۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى
نيۇسوم دېموكراتلار پارتىيەسىدە ترامپقا باش كۆتۈرگەن مۇھىم ئاۋازلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. سۈرەت: ئا پ. / AP

ۋالىي گاۋىن نيۇسوم (Gavin Newsom) ئۆزىنىڭ سايلىغۇچىلاردىن تېكساس پىلانلاۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان يېڭى خەرىتىلەرنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

كالىفورنىيە ۋالىيسى گاۋىن نيۇسوم دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئېرىشىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ يېڭى خەرىتىسى توغرىسىدا 4-نويابىر (2025) ئالاھىدە سايلام ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلماقتا.

ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ تېكساس ئىشىتاتىدا بەش ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىلىۋاتقان  تىرىشچانلىقىغا قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇشىدۇر. پەيشەنبە كۈنى (14-ئاۋغۇست) دېموكراتلار پارتىيەسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچقاندا، نيۇسوم ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سايلام ئېلانىنى جاكارلىدى.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىشىتات پارلامېنت ئەزالىرى ئالاھىدە سايلامنى ئېلان قىلىشى كېرەك. ئىشتاتلىق پارلامېنت ئەزالىرى كېلەر ھەپتە سايلام ئېلان قىلىشنى پىلانلىماقتا.

دېموكراتلار پارتىيەسى تېخى لايىھە خەرىتىسىنى ئېلان قىلمىدى، ئەمما ئۇلار يەنە بەش ئورۇنغا ئېرىشىشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

بۇ خەرىتىلەر سايلىغۇچىلارنىڭ تەستىقىغا موھتاج. چۈنكى سايلىغۇچىلار ئىلگىرى پارلامېنتنىڭ ئورنىغا مۇستەقىل كومىتېتقا خەرىتە سىزىش ھوقۇقى بەرگەن.

كالىفورنىيەدە ئەركىنلىك كۈنى

ۋالىي نيۇسوم سايلىغۇچىلاردىن تېكساس ئىشتاتى پىلانلىغان ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ئاۋام پالاتاسىدا تېخىمۇ كۆپ ئورۇنغا ئىگە قىلىدۇ، دەپ مۆلچەرلەنگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان يېڭى خەرىتىلەرنى تەستىقلاشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ لوس ئانژېلېستىكى دېموكراتىيە مەركىزىدە قوللىغۇچىلىرىغا مۇنداق دېدى:

«دونالد ترامپ، سەن ئېيىقنى ئويغىتىپ قويدۇڭ، بىز قايتۇرما زەربە بېرىمىز.»

ئېيىق 39 مىليون نوپۇسلۇق بۇ ئىشىتاتنىڭ سىمۋولى.

ئاقساراينى كۆزلەۋاتىدۇ دەپ قارىلىۋاتقان ۋالىي نيۇسوم، ئۆتكەن يىلقى سايلامدا ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشاۋاتقان دېموكراتلار پارتىيەسى ئىچىدە ترامپقا قارشى ئاساسلىق ئاۋازلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

ئىككى سىياسەتۋاز (ترامپ ۋە نيۇسوم) ئوتتۇرىسىدىكى يىرىكچىلىك ھۆكۈمەتنىڭ لوس ئانژېلېستا كۆچمەنلەرنى تۇتۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە كۆپ كېتىم يۇقىرى پەللىگە چىققان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى