خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس: «نېتانياھۇ تۇتقۇنلاردىن ۋاز كەچتى»؛ ئىيوردانىيە: «ئەرەبلەر بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەيدۇ»
ھاماس ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ غەززەنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش پىلانىغا ئەسىرلەرنى «شەخسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىش» نىيىتىنىڭ ئىپادىسى دەپ باھا بەردى.
ھاماس: «نېتانياھۇ تۇتقۇنلاردىن ۋاز كەچتى»؛ ئىيوردانىيە: «ئەرەبلەر بۇنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەيدۇ»
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، غەززە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋەر قىلغان سانىدىن كۆپ، ھەقىقىي قازا قىلغانلارنىڭ سانى 200 مىڭغا يېقىن بولۇشى مۇمكىن. / AA

ئىيوردانىيەلىك بىر ئەمەلدار بولسا، ئەرەبلەرنىڭ نېتانياھۇنىڭ سىياسىتىنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى ۋە «ئۇنىڭ تۇغدۇرغان قالايمىقانچىلىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەيدىغانلىقى»نى تەكىتلىدى.

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس، ئاشقۇن ئوڭ قانات ھۆكۈمىتى بىلەن غەززەنى قايتىدىن ئىشغال قىلىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان نېتانياھۇنى، قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايوندا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىسرائىلىيەلىك ئەسىرلەرنىڭ ھاياتىنى خەتەرگە ئىتتىرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

ھاماس پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «نېتانياھۇنىڭ ھۇجۇمنى كۈچەيتىش پىلانلىرى، ئۇنىڭ ئەسىرلەردىن قۇتۇلۇپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئەتى ۋە ئاشقۇن ئىدېئولوگىيەسىگە قۇربان قىلىۋېتىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى تولۇق ئاشكارىلىدى» دېدى.

بۇ بايانات، نېتانياھۇنىڭ بىخەتەرلىك كابېنتىنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كېڭەيتىش توغرىسىدا ئاۋاز بېرىشكە چاقىرغان ۋاقىتقا توغرا كەلدى. ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى، بۇ پىلاننىڭ پەلەستىن زېمىنىنى پۈتۈنلەي ھەربىي ئىشغال ئاستىغا ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەتلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «كان» نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، نېتانياھۇ غەززە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى باشلانغاندىن بۇيانقى ئەڭ سەزگۈر يىغىنلارنىڭ بىرى بولغان بۇ ئۇچرىشىشتا «يېنىك» ۋە «قەدەم باسقۇچلۇق» بىر ئىستراتېگىيەنى تەۋسىيە قىلغان.

خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ پىلان باش ئىشتاب باشلىقى ئەيال زامىرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماستىن، ئىسرائىلىيە ئىشغالىيەتچى كۈچلىرىنىڭ غەززە شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ھاماسنىڭ تەلىم-تەربىيە لاگېرلىرى دەپ ئاتالغان جايلارنى ۋە غەززە شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئەمما ئىلگىرى كىرىپ باقمىغان رايونلارغا قەدەممۇقەدەم ئىلگىرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

نېتانياھۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكانىڭ «فوكىس خەۋەرلىرى» قانىلىغا سۆز قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ پۈتكۈل غەززەنى كونترول ئاستىغا ئېلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئۇنى «ئىگىلىۋېلىشنى» ياكى «ئۆزى باشقۇرۇشنى» كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ھاماس بۇنىڭغا رەددىيە قايتۇرۇپ: «ئۇرۇش جىنايەتچىسى بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ ‹فوكىس خەۋەرلىرى› قانىلىدىكى سۆزلىرىگە كەلسەك، ئۇنىڭ پىلانى غەززەدىكى پەلەستىن خەلقىمىزگە قارشى تېخىمۇ كۆپ جىنايەت سادىر قىلىش ئارقىلىق، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت» دېدى.

«ئەرەبلەر پەقەت پەلەستىنلىكلەر بىرلىككە كەلگەن قارارنىلا قوللايدۇ»

بۇ جەرياندا، ئىيوردانىيەلىك بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار «رويتېرس» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا، نېتانياھۇنىڭ غەززەنىڭ باشقۇرۇشىنى ئەرەب دۆلەتلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىش تەكلىپىگە قارىتا، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «پەقەت پەلەستىنلىكلەر ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ۋە ماقۇللغان قارارلارنىلا قوللايدىغانلىقى»نى بىلدۈردى. بۇ مەنبە يەنە: «غەززەنىڭ بىخەتەرلىكى، چوقۇم قانۇنلۇق پەلەستىن ئورگانلىرى ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈلۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

نېتانياھۇ زىيارەتتە باشقۇرۇش تەرتىپى ياكى قايسى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرمىگەن ئىدى.

ئىيوردانىيەلىك ئەمەلدارنىڭ بۇ سۆزى نېتانياھۇنىڭ تەكلىپىگە قارىتا ئىسرائىلىيەنىڭ ئەڭ يېقىن قوشنىلىرىدىن بىرىنىڭ تۇنجى رەسمىي ئىنكاسى بولۇپ، ئۇ: «ئەرەبلەر نېتانياھۇنىڭ سىياسىتىنى قوبۇل قىلمايدۇ ۋە ئۇنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن قالايمىقانچىلىقىنىڭ بەدىلىنى تۆلىمەيدۇ» دېدى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. پەلەستىن تەرەپنىڭ قەيت قىلىشىچە، قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ سانى 62 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئاياللار ۋە بالىلار ئىگىلەيدىكەن.

پەلەستىننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى  «ۋافا»نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 11 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىكنىڭ بومباردىماندا ۋەيران بولغان ئىمارەتلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا ئىكەن.

لېكىن مۇتەخەسسىسلەر، ھەقىقىي قازا قىلغانلار سانىنىڭ غەززە دائىرىلىرى ئېلان قىلغان رەسمىي سانلىق مەلۇماتلاردىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، ھەتتا 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھاماسنىڭ 2023-يىلىدىكى ھۇجۇملىرىدا ئەسىرگە چۈشكەن 251 ئىسرائىلىيەلىكنىڭ 49 ى ھازىرغىچە غەززەدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا؛ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بۇلاردىن 27 نەپىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماقتا. پەلەستىن تەرەپ بولسا، نۇرغۇن گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ 2023-يىلىدىن بۇيانقى ئىسرائىلىيەنىڭ قارا-قويۇق بومباردىمانلىرىدا قازا قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىسرائىلىيە تۇتقۇن قىلغان 11 مىڭغا يېقىن پەلەستىنلىكنى ئۆز تۈرمىلىرىدە قاماپ تۇرماقتا.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنى دائىرىسىدە ھەرخىل كۆرگەزمىلەرنى ئاچتى
رۇتتې ئەردوغاننىڭ ناتو يىغىنى ئۈچۈن «ئاجايىپ قالتىس» مەيدان ھازىرلاپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى
ئەنقەرە ناتو باشلىقلار يىغىنى ئۈچۈن چوڭ بىر خەلقئارالىق تاراتقۇ مەركىزى تەييارلىماقتا
مىنىستىر فىدان: تۈركىيە — ياۋروپا بىخەتەرلىكىنىڭ مەركىزىي ئاكتىيورلىرىدىن بىرى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ناتو باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغان دۇنيا رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ
فىدان: ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتى ناتو ئىچىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن
كروزېتتو: ناتو باشلىقلار يىغىنى ياخشى نەتىجە بېرىدىغان شەكىلدە لايىھەلەندى
ۋېنېسۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلار سانى 3 مىڭ 342 گە يەتتى
TCG  ئۇرۇچ رەئىس نىيۇ يوركتاكى ئامېرىكا مۇستەقىللىق كۈنى پائالىيىدە تۈركىيەگە ۋەكىللىك قىلدى
نورۋېگىيە كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالغان بىرازىلىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسى بىلەن خوشلاشتى
موسكۋا كىيېۋغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئەنقەرە پىروگراممىسى ئېنىق بولدى
ئىراندا ھامانېنىڭ دەپنە مۇراسىمىنىڭ ئىككىنچى كۈنىدە دۇئالار قىلىندى
زېلېنسكىي ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 2 مىڭ 954 كە يەتتى