ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ 28 ماددىلىق پىلانىدا نېمىلەر بار؟
ئامېرىكانىڭ پىلانىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا دونباس رايونىنى رۇسىيەگە ئۆتۈنۈپ بېرىشى ۋە ئەسكەر سانىنى 600 مىڭ بىلەن چەكلىشى مۇمكىن.
ئامېرىكانىڭ 28 ماددىلىق پىلانىدا نېمىلەر بار؟
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسمىنى ئىشغال قىلغان بولۇپ، كۆپ قىسمى يىللارغا سوزۇلغان ئۇرۇش تۈپەيلىدىن ۋەيران بولدى. سۈرەت:ت ر ت ۋورلد. / TRT World
2025-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ قولغا چۈشۈرگەن «ترامپنىڭ 28 ماددىلىق ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىنچلىق پىلانى» نىڭ دەسلەپكى لايىھەسىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپى، كىيېۋنىڭ ناتو (NATO) غا ئەزا بولۇشىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ، شۇنداقلا ياۋروپا قوغداش مەقسىتىدە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى پولشاغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى قولغا چۈشۈرگەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ قوللىغان 28 ماددىلىق تىنچلىق پىلانىغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا ھازىرغىچە كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان لۇخانسك ۋە دونېتسك رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دونباسنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن سىرت يەنە، ئۆز ئارمىيەسىنى 600 مىڭ ئەسكەر بىلەن چەكلەشكە قوشۇلىدىكەن.

پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇكرائىنانى قوغداش ئۈچۈن ياۋروپا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى پولشاغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن، ئەمما بۇ دۆلەتتە ناتو ئەسكەرلىرى تۇرغۇزۇلمايدىكەن، ھەمدە كىيېۋ بۇ ھەربىي ئىتتىپاققا (ناتوغا) ھەرگىزمۇ قوشۇلماسلىققا ماقۇللۇق بىلدۈرىدىكەن.

بۇ جەرياندا، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن رۇسىيە «سەككىز دۆلەت گۇرۇھى» (G8) غا قايتىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ ۋە يەر شارى ئىقتىسادى بىلەن بىر گەۋدىلەشتۈرۈلىدۇ.

ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt) مۇخبىرلارغا: «پىرېزىدېنت بۇ پىلاننى قوللايدۇ. بۇ رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا ھەر ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ياخشى پىلاندۇر» دېدى.

لېۋىت يەنە ترامپنىڭ مەخسۇس ئەلچىسى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) نىڭ تەخمىنەن بىر ئايدىن بۇيان رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا بىلەن بۇ پىلان ئۈستىدە «جىمجىت ھالدا» (شەپە چىقارماي) خىزمەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بۇ پىلاننىڭ موسكۋانىڭ نۇرغۇنلىغان ئەڭ يۇقىرى تەلەپلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىگە ئائىت ئەندىشىلەرنى رەت قىلدى.

رۇسىيەنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىغا قايتىدىن قوشۇلۇشى

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئاشكارىلىغان ھۆججەتكە ئاساسەن، «قىرىم، لۇخانسك ۋە دونېتسك ئەمەلىيەتتە رۇسىيەنىڭ زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىنىدۇ، بۇ ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.»

كىيېۋ ھازىرغىچە لۇخانسك ۋە دونېتسكنىڭ بىر قىسمىنى كونترول قىلىپ تۇرۇۋاتقان بولۇپ، بۇ جايلار ئۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدىكى دونباس سانائەت بەلبېغىنى تەشكىل قىلىدۇ.

قىرىم 2014-يىلى رۇسىيە تەرىپىدىن قوشۇۋېلىنغان ئىدى.

پىلانغا ئاساسەن، ئۇكرائىنا چېكىنىپ چىققان دونېتسك رايونلىرى «ھەربىيسىز رايون» دەپ قارىلىدۇ ۋە رۇسىيە قىسىملىرى بۇ يەرگە كىرمەيدۇ.

رۇسىيە ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى دەۋا قىلىۋاتقان جەنۇبتىكى خېرسون ۋە زاپورىژيا رايونلىرى «ئۇرۇش سېپى بويىچە توڭلىتىلىدۇ» دېيىلگەن.

دونباس، خېرسون ۋە زاپورىژيا ئۈچۈن تۈزۈلگەن پىلان موسكۋانىڭ ئىلگىرىكى تەلەپلىرىگە ماس كېلىدۇ.

پىلاندا دېيىلىشىچە، 2022-يىلى مارتتىن بېرى رۇسىيە قىسىملىرى ئىگەللىۋالغان ئۇكرائىنانىڭ زاپورىژيا يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىدۇ ۋە ئىشلەپچىقىرىلغان توك رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا بۆلۈشۈلىدۇ.

تەكلىپ قىلىنغان كېلىشىمگە ئاساسەن، رۇسىيە تۆت يىلغا يېقىن داۋاملاشقان قاتتىق جازادىن كېيىن «يەر شارى ئىقتىسادىغا قايتىدىن قوشۇلىدۇ» ۋە G8 گە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ.

پىلاندا: «رۇسىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە بېسىپ كىرمەسلىكى ۋە ناتونىڭ تېخىمۇ كېڭەيمەسلىكى كۈتۈلمەكتە» دېيىلگەن. ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىناغا قايتا بېسىپ كىرسە، بارلىق جازالار قايتا ئەسلىگە كېلىدىغانلىقى، بۇنىڭدىن باشقا، ھەل قىلغۇچ ۋە بىرلەشمە ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Zelenskyy says US plan must deliver 'dignified peace' as Russia seizes Kupiansk city

زېلېنسكىي «شەرەپلىك تىنچلىق» نى تەلەپ قىلىدۇ

بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي رۇسىيە بىلەن ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ھەر قانداق كېلىشىمنىڭ چوقۇم «شەرەپلىك تىنچلىق» ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۇ: «ئۇكرائىنا تىنچلىققا موھتاج... بىزنىڭ مۇستەقىللىقىمىز، ئىگىلىك ھوقۇقىمىز ۋە ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا ھۆرمەت قىلىنىدىغان شەرتلەر ئاستىدىكى شەرەپلىك تىنچلىققا موھتاج» دېگەن ئىدى.

غەرب تاراتقۇلىرىدا كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئامېرىكا تەكلىپىنىڭ تەپسىلاتلىرى شۇنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇكى، ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ مۇھىم تەلەپلىرىگە يول قويۇشقا تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەدىلىگە ئالىدىغىنى ناھايىتى ئاز.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، لايىھە «قىرىم ۋە رۇسلار ئىگەللىۋالغان باشقا رايونلارنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى» نى تەلەپ قىلىدىكەن.

رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ تەخمىنەن بەشتىن بىر قىسىم زېمىنىنى ئىگەللىۋالغان بولۇپ، بۇ جايلارنىڭ كۆپىنچىسى يىللارغا سوزۇلغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن ۋەيران بولغان.

كرېمىل 2022-يىلى دونېتسك، لۇخانسك، زاپورىژيا ۋە خېرسون قاتارلىق بەش رايوننى، 2014-يىلى قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

موسكۋا ئىلگىرى جەنۇبتىكى زاپورىژيا ۋە خېرسوندا ئۇرۇش سېپىنى توڭلىتىش بەدىلىگە، ئۇكرائىنانىڭ دونېتسك ۋە لۇخانسكتىن قىسىملىرىنى پۈتۈنلەي چېكىندۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ ئۆزىگە موھتاجلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكاغا بېسىم ئىشلەتمەكتە
پاكىستان ئافغانىستاننىڭ كابۇل شەھىرى ۋە بىر قىسىم چېگرا ۋىلايەتلىرىگە يېڭىدىن ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە خىتاي ئىران يادرو پىروگراممىسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە بىر – بىرىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەنىڭ بېيرۇتتىكى ھۇجۇمىدا ئىككى كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
خاقان فىدان: تۈركىيە ئىراندا ئىچكى ئۇرۇش قوزغايدىغان ھەر قانداق پىلانغا قارشى
نېتانياھۇ ئىراننىڭ يېڭى ئالىي رەھبىرىگە تەھدىت سالدى
ئىران مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمنى كەچۈرگۈسىز ئۇرۇش جىنايىتى دەپ ئاتىدى
ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت تەمىناتىنى قىسقارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مارشى 105 ياشقا كىردى
ئىران: ئامېرىكا،ئىسرائىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىمىز
ئىراق دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىككى نېفىت پاراخوتىغا ئوت كەتتى
پەزەشكىيان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ شەرتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىراننىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىن چىكىنىش سىگنالىنى بېرىشى بىلەن FIFA باشقا تاللاشلار ئۈستىدە باش قاتۇرماقتا
ئامېرىكا ئىستراتېگىيەلىك زاپاس ساقلانمىسىدىن 172 مىليون ۋارىل نېفىتنى قويۇپ بېرىدىكەن
ئامېرىكا ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مۆلچەرىچە، ئىران ھۆكۈمىتى يېقىلىش خەۋپىدىن خېلىلار يىراق ئىكەن