غەززە ئۇرۇشى
2 مىنۇت ئوقۇش
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى: «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا»
ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇشى بىلەن غەززەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشتى.
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى: «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا»
غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى: «ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلماقتا» / AA
2025-يىلى11-ئاينىڭ30-كۈنى

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلدى، ئىسرائىلىيەنىڭ نازۇك ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلىنىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەنلىكىنى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

باياناتتا غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقى قىرغىنچىلىقتىكى ئۆلتۈرلگەنلەر سانىنىڭ 70 مىڭ 100 گە يۈكسەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق بۇ ئۆلۈملەردىن 354  ىنىڭ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى 10- ئۆكتەبىردە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغاندىن بۇيان مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

مىنىستىرلىق ئۆتكەن 48 سائەتتە غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا ئىككى جەسەت كەلگەنلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن بىرىنىڭ خارابىلىك ئاستىدىن چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۆلگەنلەر سانىدىكى ئېشىشنىڭ، 299 جەسەتكە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىپ ئەمەلدارلار تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىدىن كېلىپ چىققانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇرۇش توختىتىشقا قارىماي، قامال ۋە خىلاپلىق قىلىشلار سەۋەبىدىن قورشىۋېلىنغان پەلەستىن رايونى چوڭقۇر بىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسى ئىچىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Nearly 9,300 Gaza children under 5 are severely malnourished: UN

ئىنسانپەرۋەرلىك سىنىقى

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ خەۋىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەر يىلى 29- نويابىردا خاتىرىلىنىدىغان «پەلەستىن خەلقى بىلەن ھەمكارلىشىش كۈنى» گە توغرا كەلدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس بىر باياناتتا، «بۇ پاجىئە نۇرغۇن جەھەتتىن ئەۋلادلار بويىچە خەلقئارا جەمئىيەتكە يۆنىلىش بەرگەن ئۆلچەملەر ۋە قانۇنلارغا سىناق بولدى» دېدى.

«بۇ قەدەر كۆپ پۇقرانىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى، پۈتۈنلەي بىر نوپۇزنىڭ قايتا - قايتا ماكانىدىن ئايرىلىشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىتىلىشى ھېچقانداق شارائىتتا قوبۇل قىلىنمايدۇ» دەپ قوشۇمچە قىلدى.

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس يەنە، «يېقىنقى ئۇرۇش توختىتىش بىر ئۈمىد نۇرى سۇنماقتا. ئەمدى بارلىق تەرەپلەرنىڭ ئۇنىڭغا تولۇق ھۆرمەت قىلىشى ۋە خەلقئارا قانۇننى قايتا ئورنىتىدىغان ۋە قوغدايدىغان ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈچۈن ياخشى نىيەت بىلەن خىزمەت قىلىشى ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى.

ئىسرائىلىيە، قامال ئاستىدىكى رايوننىڭ چوڭ بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغان ۋە بارلىق نوپۇزنى ماكانىدىن ئايرىۋەتكەن ئەھۋالدا تۇرماقتا.

 

ئىزدىنىڭ
ترامپ: بىز گىرېنلاند مەسىلىسىدە ناتو بىلەن سۆزلىشىۋاتىمىز
كانادا باش مىنىستىرى خىتاي ئاپتوموبىللىرىغا يول ئېچىش كېلىشىمگە ئىمزا قويدى
ئىراندا نامايىشلاردا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 2 مىڭ 677 گە يەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «TRT Genç» قانىلىنىڭ ئېچىلىش لېنتىسىنى كەستى: كەلگۈسى سىلەرنىڭ
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي شى جىنپىڭ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە «ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك»نى تەكىتلىدى
پىرېزىدېنت ترامپ غەززەدە قۇرۇلغان پەلەستىن كەسپىي ئەمەلدارلار ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
نوبېل كومىتېتى: مۇكاپاتنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشقا ياكى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدۇ
ئاقساراي: ياۋروپا قىسىملىرى ترامپنىڭ گىرېنلاندنى سېتىۋېلىش نىشانىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ
ترامپ غەززە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى
تۈركىيە، پاكىستان ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكتە
24 سائەت ئىچىدە ئىراندا يۈز بەرگەن مۇھىم ئۆزگىرىشلەر
ياپونىيە بىلەن فىلىپپىن يېڭى خەۋپسىزلىك كېلىشىملىرىنى ئىمزالىدى
ترامپ: ئۇكرائىنا تىنچلىق كېلىشىمىگە پۇتىن ئەمەس، بەلكى زېلېنىسكىي توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
فىرانسىيە ترامپنىڭ تەنقىدلىرىدىن كېيىن گىرېنلاندىيەدە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران ھاۋا بوشلۇقى قايتىدىن ئېچىلدى