تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
مىنىستىر خاقان فىدان ئەنقەرەنىڭ يېقىنقى ھەپتىلەردە پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىشى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيە تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خاقان فىدان قارا دېڭىزدىكى جىددىيچىلىكنىڭ ياۋروپاغا كېڭىيىپ كېتىش ئېھتىمالى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
فیداننىڭ دېيىشىچە، ئۇرۇش توختىتىش كرىزىسنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ تېز يولى ئىكەن، ھەمدە ئەنقەرە ئۇنى تولۇق قوللايدىكەن. / TRT World

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىزدىكى ئۆزئارا ھۇجۇملىرىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتنىڭ ئاشقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە مەيدانغا كەلگەن تۇراقسىزلىقنىڭ رايون سىرتىغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى بارلىقىنى، بۇنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ياۋروپانىڭ تېخىمۇ كەڭ رايونلىرىغا تەسىر كۆرسىتىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى.

خاقان فىدان «TRT World» قانىلىنىڭ مەخسۇس سۆھبەت پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، يېقىنقى ھەپتىلەردە تۈركىيەنىڭ بۇ ۋەقەلەرنىڭ بىۋاسىتە تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سودا پاراخوتلىرىنى زەربە ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ تۈركىيە ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. خاقان فىدان يەنە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ رومىنىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق قوشنا دۆلەتلەرگىمۇ تەسىر قىلغانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «يېقىنقى ھەپتىلەردە ناھايىتى يامان تەسىرگە ئۇچرىدۇق. ھەر ئىككى تەرەپ پاراخوتلارنى زەربە ئوبيېكتى قىلدى، ھازىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى پەقەت ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەرنىڭ ئۈستىدىلا ئەمەس، بەلكى زېمىنىمىزنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغىچە ئۇچۇپ كىرىۋاتىدۇ» دېدى.

خاقان فىدان قارا دېڭىزدىكى بىخەتەرلىك خەۋپلىرىنىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى دېڭىز مىنالىرى بىلەن باشلانغانلىقىنى، بۇ مىنالارنىڭ بەزىلىرىنىڭ ئىستانبۇل بوغۇزىغىچە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بوغۇزلاردىن ئۆتىدىغان دېڭىز قاتنىشىغا ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «مەلۇم بىر نۇقتىدا ۋەزىيەت شۇنچىلىك خەتەرلىك ھالغا كەلدىكى، پاراخوت قاتنىشى پۈتۈنلەي توسۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى» دېدى.

خاقان فىدان تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ بولۇپمۇ رومىنىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك شېرىكلەر بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىپ، كۈچىيىۋاتقان دېڭىزچىلىق ۋە بىخەتەرلىك خەۋپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئەمما ئۇ پەقەت ھەربىي جەھەتتىكى ماسلىشىشنىڭلا مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«بارلىق بۇ مەسىلىلەرنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ قىسقا يولى ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر» دېگەن مىنىستىر فىدان، ئەنقەرەنىڭ توقۇنۇشلارنى توختىتىش تىرىشچانلىقىنى تولۇق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ جىددىيلىشىشىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ: «رايون خاراكتېرلىك جىددىيچىلىك ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، پەقەت بۇ يەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ياۋروپانىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىلگىرى رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا قارا دېڭىزدىكى سودا ۋە پۇقرالار پاراخوتلىرىغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ ھېچكىمگە پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ۋە دېڭىزچىلىق بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇ تۈركىيەنىڭ ھەر ئىككى تەرەپنى ئېنىق شەكىلدە ئاگاھلاندۇرغانلىقىنى ۋە ئەنقەرەنىڭ توقۇنۇشنىڭ قارا دېڭىزغا كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مونترو شەرتنامىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ تولۇق نۇسخىسى، 18-دېكابىر پەيشەنبە كۈنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 09:00 دا پەقەت «TRT World» قانىلىدىلا تارقىتىلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز