سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ۋاگنېر ئۈچ يىلدىن كېيىن مالىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى
ۋاگنېر خۇسۇسىي ھەربىي شىركىتى (خۇسۇسىي ياللانما ئەسكەرلەر شىركىتى) تېلېگرام سۇپىسىدىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، «ۋەزىپىسىنىڭ ئاياغلاشقانلىقى»نى ۋە «ۋاگنېر خۇسۇسىي ھەربىي شىركىتى ئۆز ماكانىغا قايتقانلىقى»نى بىلدۈردى.
ۋاگنېر ئۈچ يىلدىن كېيىن مالىدىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى
/ AA

رۇسىيەنىڭ خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى ھەربىي شىركىتى ۋاگنېر، غەربىي ئافرىقا دۆلىتى مالىدىكى ئۈچ يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، دۆلەتتىن چېكىنىپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ گۇرۇپپا جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا: «بىز رايوندىكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ زېمىنىنى قوغدىيالايدىغان كۈچلۈك ۋە ئىنتىزامچان بىر ئارمىيە قۇرۇشىغا ياردەم بەردۇق. بارلىق رايون مەركەزلىرى قانۇنلۇق ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كونتروللۇقىغا قايتتۇرۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.

باياناتتا يەنە: «يىللاردىن بۇيان پۇقرالارنى ۋەھىمىگە سېلىپ كەلگەن مىڭلارچە قوراللىق ئۇنسۇرنى ۋە ئۇلارنىڭ قوماندانلىرىنى بىر تەرەپ قىلدۇق»  دېگەن ئىبارىلەرمۇ ئورۇن ئالدى.

ساھېل رايونىغا جايلاشقان مالى 2012-يىلدىن بۇيان ئىسيانچىلارغا قارشى كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWagner Group: How it makes money in Middle East, Africa and beyond

رۇسىيەنىڭ ئافرىقادىكى قىسىملىرى ۋاگنېرنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ

مالىدىكى ھەربىي ھۆكۈمەت، فىرانسىيە ۋە باشقا ھەمكارلاشقۇچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزگەندىن كېيىن، رۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغانىدى.

ۋاگنېرنىڭ باياناتىغا قارىماي، رۇسىيەنىڭ غەربىي ئافرىقا دۆلىتىدىكى مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى ۋە دۆلەت كونتروللۇقىدىكى ھەربىيلەشتۈرۈلگەن كۈچ بولغان ئافرىقا قىسىملىرىنىڭ بۇ ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ھەربىي ھاكىمىيەت ئاستىدىكى ئۈچ دۆلەت، يەنى مالى، بۇركىنا فاسو ۋە نىگېر بۇ يىلنىڭ بېشىدا غەربىي ئافرىقا رايونلۇق ئىتتىپاقى —ECOWAS  دىن رەسمىي ئايرىلىپ، «ساھېل دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى» نامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئىتتىپاقىنى قۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارRussian mercenaries withdraw from Burkina Faso to fight Ukraine in Kursk

ئىزدىنىڭ
جەنۇبىي كورېيەلىك سودا سانائەتچى ئاجرىشىپ كەتكەن ئايالىغا تەخمىنەن 644 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
باڭلادېش پىرېزىدېنتى مۇھەممەت شەھابۇددىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى