تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جەۋدەت يىلماز 8-نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئەرمېنىيەنىڭ پايتەختى ئەرىۋاندا ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن ئىشتىراك قىلماقتا.
جەۋدەت يىلماز 8-نۆۋەتلىك ياۋروپا سىياسىي جەمئىيىتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى
جەۋدەت يىلماز / AA

جەۋدەت يىلماز ئەرىۋاندىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ۋە ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىن ئۆتكۈزۈلگەن «كارېن دېمىرجىيان» تەنتەربىيە ۋە كونسېرت سارىيىدا مېھمان رەھبەرلەرنى كۈتۈۋالغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن يىلماز، ئېچىلىش مۇراسىمىدىن كېيىن باشقا دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە كوللېكتىپ خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا ۋاكالىتەن يىغىنغا قاتناشقان جەۋدەت يىلمازنىڭ بۈگۈن يەنە بىر قىسىم ئىككى تەرەپلىك ئۇچرىشىشلاردا بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

مەزكۇر باشلىقلار يىغىنىغا ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلەنىسكىي، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېير ستارمېر ۋە ئىتالىيە باش مىنىستىرى جورجىيا مېلونى قاتارلىق 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى قاتناشماقتا.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئونتارىيو كۆلىنىڭ نامىنى رەسمىي ئۆزگەرتتى
گىرېتسىيەدە غەربىي نىل ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانى 290 غا يەتتى
ئامېرىكا ئارمىيەسى تىنچ ئوكياندا بىر كېمىنى غەرق قىلدى
ئامېرىكادا ھۆكۈمەت بىلەن سوت قارىمۇ قارشى بولۇپ قالدى
رۇسىيە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 37 دانە ئۇچقۇنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر يېزىغا ھۇجۇم قىلىپ 2 پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
ترامپ ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلاشنى پىلانلىماقتا
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
«تۈركىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇش ئىستراتېگىيەسى غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك ئەمەس»
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى