ئاقدېڭىزدا 5.8 بال يەر تەۋرىدى
ئاپەت ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى _ ئافاد يەر تەۋرەشنىڭ مارمارىس ناھىيەسى قىرغاقلىرىدىن 10.43 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى دېڭىزدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋاللارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئاقدېڭىزدا 5.8 بال يەر تەۋرەش يۈز بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى مۇغلا ۋىلايىتىنىڭ مارمارىس ناھىيەسى دېڭىز تەۋەلىكىدە، قىرغاقتىن 10.43 كىلومېتىر يىراقلىقتا يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن يەر تەۋرەشنىڭ تەۋرەش چوڭقۇرلۇقىنىڭ يەر يۈزىدىن 67.91 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا ئىكەنلىكى ئېلان قىلدى.
مۇغلا ۋالىيسى ئىدرىس ئاقبىيىق نەق مەيدان تەكشۈرۈشلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغىچە ھېچقانداق «سەلبىي» ئەھۋالنىڭ مەلۇم قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە، ئېغىر دەرىجىدىكى زىياننىڭ بارلىقىغا دائىر ھېچقانداق جىددىي دوكلاتنىڭ يوقلۇقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.