تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە گىرېتسىيەنى تۈرك ئاز سانلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا ۋە ھۇجۇمچىلارنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلىنىشى ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
تۈركىيە گىرېتسىيەدىكى تۈرك ئاز سانلىقلار مەكتىپىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى
غەربىي تراكياغا ئاز سانلىق مەكتەپلىرى لوزاننا كېلىشىمى بويىچە قوغدىلىدۇ. (ئارخىپ سۈرىتى) / AA

تۈركىيە گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تىراكيا رايونىغا قاراشلىق رودوپىدىكى قاراجائوغلان كەنتىدىكى تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتىپىگە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئۆنجۈ كەچەلى جۈمە كۈنى ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تە ئۇچۇر ھەمبەھرىلەپ: «گىرېتسىيەنىڭ غەربىي تىراكيا رايونىدىكى قاراجائوغلان كەنتىگە جايلاشقان، 2021-2022- ئوقۇش يىلىدا گىرېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەن غەربىي تىراكيا تۈرك ئاز سانلىقلىرىغا تەۋە باشلانغۇچ مەكتەپكە كىملىكى نامەلۇم كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاراجائوغلان كەنتىدىكى ھۇجۇم، يەرلىك خەلقنىڭ 4-يانۋاردا زىياننى بايقىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقتى؛ ئارقىدىن ساقچى تەرەپ تەكشۈرۈش باشلىدى.

كەچەلى گىرېتسىيە دائىرىلىرىدىن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارىنىڭ كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىتىلىشىنى، جىنايەتچىلەرنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېنىقلىنىشىنى ۋە زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «قاراجائوغلاندا ياشايدىغان قان-قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قايغۇسىنى ئورتاقلىشىمىز؛ تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، غەربىي تىراكيا تۈرك ئاز سانلىقلىرىنىڭ لوزان تىنچلىق شەرتنامىسى ئارقىلىق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھەق ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ ئىزچىل قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىمىزنى تەكىتلەيمىز» دېدى.

غەربىي تىراكيا تۈرك ئاز سانلىقلار مەسلىھەت كېڭىشىمۇ ئوخشاش بىر ۋەقەنىڭ ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھۇجۇمنى ئەيىبلىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە يېڭى  تەتقىق قىلىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىلىق يارىتىش پىلانىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماقتا
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ ئىدلىب ۋىلايىتىدىكى پارتلاش مۇناسىۋىتى بىلەن سۈرىيەگە تەزىيە بىلدۈردى
تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە ماگناتى MKE مىسىردا ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن تارماق شىركەت قۇردى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
دونالد ترامپ كانادا مەھسۇلاتلىرىنى خېرىدار چاقىرىش تۈرلىرىدىن چىقىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى
مالايشىيادا تىك ئۇچار چۈشۈپ كېتىپ، بەش كىشى قازا قىلدى
يېڭى زېلاندىيە ئىسرائىلىيەنى  قانۇنسىز ئولتۇراق رايونلىرىنى كېڭەيتىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئىسرائىلىيە شەرقىي قۇددۇستىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنى 30 كۈن ئىچىدە تاقاش بۇيرۇقى چۈشۈردى
كانادانىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان قايتۇرما تاموژنا بېجى رەسمىي يولغا قويۇلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلغان ھۇجۇملىرىنى ئەيىبلىدى
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
تۈركىيە مۇداپىئە ساھەسىدىكى تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى پۇقراۋى ساھەلەرگە يۆتكەشنى نىشان قىلماقتا
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى