تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان كۈچىيىۋاتقان زوراۋانلىقنىڭ رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىران بىلەن بولغان يادرو كېلىشەلمەسلىكىنىڭ دىپلوماتىك يوللار بىلەن ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى
ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە پۈتۈن رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى / AA

ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بىر پەيتتە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زەيد ئال نەھيان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە باشقا رايونلۇق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان.لىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سۆھبەتتە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى بىلەن باشلانغان زوراۋانلىقنىڭ پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، رايوننىڭ يېڭى بىر ئۇرۇشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە دىپلوماتىك ئالاقە ئارقىلىق توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىران بىلەن بولغان يادرو كېلىشەلمەسلىكىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى سۆھبەت ئۈستىلى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئەردوغان ھازىرقى ۋەزىيەتنىڭ غەززەدىكى ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىگە كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ قويماسلىقى كېرەكلىكى ھەققىدە ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەكسىچە بولغاندا غەربىي قىرغاق ۋە شەرقىي قۇددۇسنىڭمۇ ئىسرائىلىيە ئىشغالىيىتى تەھدىتىگە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەنبە:TRT Global
ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز