خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ كانادا باش مىنىستىرىغا قىلغان «تىنچلىق كېڭىشى» گە قاتنىشىش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالدى
كانادا باش مىنىستىرى مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا يېتەكچىلىكىدىكى دۇنيا تەرتىپىدىكى «يوچۇق» ھەققىدە بەرگەن باياناتى بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ بايانات دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىساد ساھەلىرىدە ناھايىتى زور ئەكس تەسىر قوزغىدى.
ترامپ كانادا باش مىنىستىرىغا قىلغان «تىنچلىق كېڭىشى» گە قاتنىشىش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالدى
ترامپ كانادا باش مىنىستىرىغا قىلغان «تىنچلىق كېڭىشى» گە قاتنىشىش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالدى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنېيغا قىلغان، يېڭىدىن قۇرۇلغان «تىنچلىق كېڭىشى» گە قاتنىشىش تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالدى.

ترامپ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Truth Social سەھىپىسىدە: «بۇ خەتنىڭ تىنچلىق كېڭىشىنىڭ كانادانىڭ قاتنىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك سىزگە قىلغان تەكلىپىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىڭ» دېگەن ئۇچۇرنى ھەمبەھىرلىدى.

كارنېي مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى دۇنيا تەرتىپىدە بىر «يوچۇق» بارلىقىغا دائىر سۆزلىرى بىلەن خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى.

كانادا ھۆكۈمىتى يەنە، ترامپ ئۆزى نام بەرگەن ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك توقۇنۇشلارنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلغان بۇ تىنچلىق كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ھېچقانداق پۇل تۆلىمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۇ ئارىلىقتا ترامپ تۈنۈگۈن رەسمىي تونۇشتۇرغان يېڭى خەلقئارالىق كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە ئۆزىنى تەيىنلىدى.

دۇنيا رەھبەرلىرى «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ ئىمزا قويۇش مۇراسىمى ئۈچۈن پەيشەنبە كۈنى شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس شەھىرىدە، دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ قوشۇمچە پائالىيىتى سۈپىتىدە بىر يەرگە جەم بولدى.

ترامپ مۇراسىم جەريانىدا كېڭەشنىڭ نىزامنامىسىنى ئېلان قىلدى ۋە ئىمزا قويۇشتىن ئىلگىرى نۇتۇق سۆزلىدى.

دەسلەپتە غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن پىلانلانغان بۇ تەشەببۇس، كېيىنچە ئونلىغان دۆلەت تەكلىپ قىلىنغان كەڭ دائىرىلىك بىر خەلقئارا مۇرەسسەچىلىك ئورگىنىغا ئايلاندى.

تەكلىپنى قوبۇل قىلغان دۆلەتلەر ئارىسىدا تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، بەھرەين، ئىيوردانىيە، قاتار، مىسىر ۋە ۋېنگىرىيە قاتارلىقلار بار.

باشقا قاتناشقۇچى دۆلەتلەر ئارىسىدا ماراكەش، ھىندونېزىيە، كوسوۋو، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، ۋېيتنام، ئارگېنتىنا، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان ۋە بېلارۇسىيە بار.

ئالدىنقى ھەپتە ئاقساراي غەززەنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچتىكى باشقۇرۇلۇشى ئۈچۈن قۇرۇلغان دۆلەتلىك كومىتېتنىڭ تەستىقلىشى بىلەن بىرلىكتە «تىنچلىق كېڭىشى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
رىيادتا پادىشاھ خالىد ئايرودورۇمىغا ھۇجۇم قىلىندى، 1 كىشى ئۆلۈپ، 11 كىشى يارىلاندى
سېئۇل: «شىمالىي كورېيە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى»
پولشا باش مىنىستىرغا سۇيىقەست پىلانى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى
ئىراق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى دۆلەتنىڭ شەرقىدىكى دائېش بازىسىنى يوق قىلدى
سوتچى جېننىفېر دۆلەت مەبلىغى بىلەن تارقىتىلغان ترامپنى قوللاش ئېلانلىرىنى توختىتىشقا ھۆكۈم قىلدى
سەئۇدى ئەرەبىستان رىيادتىكى يىغىندا ئېنېرگىيە تەمىناتىغا ۋەدە بەردى
يەمەن ئارمىيەسى: 900 دىن ئارتۇق ھۇسىي جەڭچىسى بىر تەرەپ قىلىندى
جىبۇتى ساھىللىرىدىكى پاراخوت ھادىسىسىدە 139 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
دۇران ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتزنىڭ باياناتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
شىمالىي كورېيە ياپون دېڭىزى تەرەپكە كۆپ ساندا باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى
نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى پىللاي ئامېرىكانىڭ سوتچىلارغا قارىتىلغان ئېمبارگولىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى
رىياد ئايرودورۇمىدا كىشىلەرنىڭ يارلىنىىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇچۇشلارتوختىدى
ئامېرىكادىكى قوراللىق ھۇجۇمدا توققۇز كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ ئۇكرائىناغا زېلېنسكىينىڭ ئورنىغا يېڭى بىر پرېزىدېنت تاللاش چاقىرىقى قىلدى
تۈركىيە 15 ياشتىن كىچىك بالىلارنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئىشلىتىشىنى چەكلىدى