جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
ئوچېرىك
1 مىنۇت ئوقۇش
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇقجۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە سېلىنغان سېلىنمىلار بىلەن ئايرودۇرۇم سانىنىڭ 58 گە يەتكەنلىكىنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇش تورىنىڭ بىرىنى قۇرۇپ چىققانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىدا ئۆتكۈزۈلگەن 4-نۆۋەتلىك ئۇچۇش يولى ۋە قوشۇمچە سېلىنمىلارنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىدا سۆز قىلدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىغان 2002-يىلىدىن بۈگۈنگىچە، پائالىيەتچان ئايرودۇرۇم سانىنى 26 دىن 58 گە كۆپەيتكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتىپ: «تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق» دېدى.

پەقەت ئىستانبۇلنىڭ ئۆزىدىلا، 604 مىليارد 400 مىليون لىراسى ئاۋىياتسىيە ساھەسىگە تەۋە بولۇش شەرتى بىلەن، قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە ساھەسىگە بۈگۈنكى قىممەت بويىچە جەمئىي 2 تىرىليون 120 مىليارد لىرا سېلىنما سېلىنغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان مۇنداق دېدى: «2026-يىلىنىڭ دەسلەپكى 8 ئېيىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئايروپىلان بىلەن سەپەر قىلغان يولۇچىلار سانى 167 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ، نوپۇسىمىزنىڭ تەخمىنەن ئىككى ھەسسىسىگە يەتتى.»

ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بىزنىڭ مەقسىتىمىز تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى يېڭى سېلىنمىلار، تۈرلەر ۋە مۇلازىمەتلەر بىلەن گۈللەندۈرۈشتۇر. ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان 4- باسقۇچلۇق ئاساسلىق ئۇچۇش يولى ۋە قوشۇمچە سېلىنمىلار، دۇنيانى بىر-بىرىگە تۇتاشتۇرۇش كۈچى جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىمىزغا ئىنتايىن زور تۆھپىلەرنى قوشىدۇ.»

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى