ئېلون ماسك دۇنيادىكى تۇنجى دوللار تىرىليونېرى بولۇشقا يېقىنلاشتى

تېسلا پايچېكلىرى ماسكنىڭ شىركەتنى ئاكسىيە بازىرى قىممىتىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىستىقباللىق نىشانلارغا يەتكۈزۈشى ئۈچۈن 1 تىرىليون دوللارغا يېقىن پاي چېكى بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى.

By
ئېلون ماسكنىڭ دۇنيادا تۇنجى دوللار تىرىليونېرى بولۇشىنىڭ يولى ئېچىلدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

تېسلا پايچېكلىرى شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى ئېلون ماسكنىڭ 1 تىرىليون دوللارغا يېتىدىغان غايەت زور مائاش پىلانىنى قوللاپ ئاۋاز تاشلىدى.

تېسلانىڭ بىر باشقۇرغۇچىسى پەيشەنبە (6-نويابىر) كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن شىركەتنىڭ يىللىق يىغىنىدا، سۈنئىي ئەقىل ۋە ماشىنا ئادەم تەتقىقاتىدا يېڭىلىق يارىتىش تېخنولوگىيەسىنى يولغا قويۇش ئۈچۈن ماسكنىڭ توكلۇق ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچى شىركەتكە داۋاملىق مۇلازىمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن مائاش پىلانىنىڭ، پايچېكلارنىڭ %75 تىن ئارتۇقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتتى.

تېسلا پايچېكلىرى 2018-يىلى قوللىغان پىلانغا ئوخشايدىغان بۇ يېڭى 12 باسقۇچلۇق پىلاندا، ماسكنىڭ مائاشى تېسلانىڭ بازار قىممىتىنى 1.4 تىرىليون دوللاردىن 8.5 تىرىليون دوللارغا يەتكۈزۈش ۋە بىر قانچە ئىستىقباللىق ئالاھىدە نىشانغا باغلانغان.

بۇ نىشانلارنىڭ ئىچىدە 1 مىليون ئادەمسىمان ماشىنا ئادەم سېتىش ۋە ئۆزلۈكىدىن ھەيدەش يۇمتالى ئۈچۈن 10 مىليون ھەقلىق مۇشتەرىلىكنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىقلار بار بولۇپ، بۇ نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن تېسلانىڭ پېيى ھازىرقى سەۋىيەسىدىن %466 ئۆرلىشى كېرەك. بۇ رەقەم  «ن ۋىدىيا» (Nvidia) نىڭ بازار قىممىتىدىن %70 يۇقىرى بولىدۇ. «ن ۋىدىيا» ئالدىنقى ھەپتە 5 تىرىليون دوللارلىق بازار قىممىتىگە يېتىپ، دۇنيادىكى بازار قىممىتى ئەڭ يۇقىرى شىركەت بولۇپ تۇرماقتا.

ئۆزلۈكىدىن ماڭىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ گۈللىنىشى

شۇنداقتىمۇ، تېسلا قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئۇنىڭ سېتىش ۋە پايدىسى بۇ يىل (2025) نىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا تۆۋەنلىدى. شىركەت توكلۇق ماشىنا سېتىۋالغۇچىلار ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھاملاندۇرۇش سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىغا قارشى كۈرەش قىلماقتا.

بىراق، ماسك ۋە تېسلا باشقۇرغۇچىلىرى بۇنىڭدىن ئۈمىدسىزلەنمىدى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، شىركەت توكلۇق ماشىنىدىن باشقا، ئۆزلۈكىدىن ھەيدەش ماشىنىلىرى ۋە  تاكسىلار، ئادەمسىمان ماشىنا ئادەملىرى ئەتراپىدا قۇرۇلىدىغان كەلگۈسىگە مەبلەغ سېلىنغان.

گەرچە داۋان ئېگىز بولسىمۇ، يېقىنقى تەرەققىيات ماسكنىڭ تارىختىكى تۇنجى دوللار تىرىليونېرى بولۇشىغا يول ئاچىدۇ.

فوربېسنىڭ ئەڭ يېڭى قارىغاندا، ماسكنىڭ ساپ مۈلكى 480 مىليارد دوللار ئەتراپىدا ئىكەن. ئۇ ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ باي ئادەم.  ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوراكل (Oracle) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى لارىي ئېللىسون (Larry Ellison) 350.7 مىليارد دوللارلىق ساپ مۈلكى بىلەن، ئاندىن مېتا (Meta) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مارك زاكېربېرگ (MarkZuckerberg) فوربېس تىزىملىكىدە 245.8 مىليارد دوللارلىق ساپ مۈلكى بىلەن ئورۇن ئالىدۇ.

پېنسىلۋانىيە (Pennsylvania) ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ستانفورد (Stanford) ئۇنىۋېرسىتېتىنى يېرىم يولدا تاشلىغان ماسك 1999-يىلى تور نەشرىيات يۇمتالى شىركىتىنى ئامېرىكانىڭ كومپيۇتېر ياسايدىغان كومپاك (Compaq)  شىركىتىگە 300 مىليون دوللاردىن ئارتۇققا سېتىپ، مىليونىر بولغان ئىدى.