ئېلون ماسك يېڭى پارتىيە قۇرۇشنى چاقىرىق قىلدى
تېخنولوگىيە مىلياردېرى ئېلون ماسك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىراجەت قانۇن تەكلىپ لايىھەسىنى «ساراڭلىق» دەپ تەنقىد قىلىپ، يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پىرېزىدېنت ترامپ بىلەن ماسك ئاقسارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
مىلياردېر كارخانىچى ئېلون ماسك ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خىراجەت قانۇن تەكلىپ لايىھەسىگە بولغان تەنقىدىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنىڭ ھەل قىلالمايدىغان قەرز پاقىقىغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى ۋە يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى.
ئۇ دۈشەنبە كۈنى (30-ئىيۇن) ئۆزىنىڭ X بېتىدە مۇنداق يازدى: «بىزنىڭ بىر پارتىيەلىك دۆلەتتە ياشاۋاتقانلىقىمىز ناھايىتى ئېنىق... سېمىز چوشقىلار پارتىيەسى (PORKY PIG PARTY)!! خەلقنى ھەقىقىي كۆزدە تۇتىدىغان يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنىڭ ۋاقتى كەلدى.»
تېسلا ۋە سپېيس ئېكس (SpaceX) نىڭ باشلىقى فېدېراتسىيە قەرز چەكلىمىسىنى 5 تىرىليون دوللار كۆپەيتىدىغان لايىھە توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بۇنى «ساراڭلىق بىلەن خەجلەش» دەپ ئاتىدى.
ماسك ئىلگىرىمۇ بىر نەچچە قېتىم مالىيە مەسئۇلىيەتچانلىقى مەسىلىسىدە، ئىككى پارتىيەنى (جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار) سەل قارايدىغانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئەندىشەسىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئۇ مۇشۇ ئاينىڭ (ئىيۇن) بېشىدا، ترامپ بىلەن مەزكۇر لايىھە توغرىسىدا ئوچۇق-ئاشكارا تالاش-تارتىش قىلغان، كېيىنچە تەنقىدىنى يۇمشاتقان ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، بۇ سۈركىلىش سىياسىي رەھبەرلەر بىلەن دۆلەتتىكى ئەڭ داڭلىق سودا-كارخانىچىلار ئوتتۇرىسىدا تېخىمۇ چوڭقۇر زىددىيەتلەرنىڭ بارلىقىنى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان قىلغان ئىدى.
ماسك بۇ لايىھەنى تەنقىد قىلغاندىن كېيىن، تېسلا پايچەكلىرى زور دەرىجىدە چۈشتى. شىركەت قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 150 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بازار قىممىتىنى يوقاتتى. شىركەت پايچەكلىرى كېيىنچە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە سىياسەتچىلەر بىلەن كارخانا رەھبەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇق-ئاشكارا سۈركىلىشنىڭ بازارلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى كۆرسەتتى.
ماسكنىڭ ۋاشىنگتوندا دۆلەت قەرزىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى مۇنازىرىلەر كۈچەيگەن بىر ۋاقىتتا بايانات ئېلان قىلىشى، سىلىكون ۋادىسىدىكى شەخسلەرنىڭ ئامېرىكادىكى چوڭ ئىككى پارتىيەسىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.
يېڭى سىياسىي پارتىيە
ماسك، ئەگەر «ساراڭلىق بىلەن خەجلەش لايىھەسى» دەپ ئاتىغان قانۇن تەكلىپ لايىھەسى ماقۇللانسا، «ئامېرىكا پارتىيەسى» نىڭ ئەتىسىلا قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئېكس بېتىدە مۇنداق يازدى:
«دۆلىتىمىز دېموكرات-جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ بىر پارتىيەلىك تۈزۈمىگە قارشى بىر تاللاش يولىغا ئېھتىياجلىق. شۇنداق بولغاندا خەلق ھەقىقىي ئاۋازغا ئېرىشەلەيدۇ.»
ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان چەكلىك ئىككى پارتىيە نۆۋەتلىشىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان سىياسىي تۈزۈلمىسى سەۋەبىدىن تەنقىدكە ئۇچراپ كەلمەكتە.
كۆپ يىللاردىن بېرى، ئامېرىكادا دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىنى قايتىدىن جانلاندۇرالايدىغان يېڭى پارتىيە قۇرۇش توغرىسىدا چاقىرىقلار دائىم پەيدا بولۇپ تۇردى.
ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنى يېڭى سىياسىي پارتىيە قۇرۇشنى مەنئى قىلمىسىمۇ، ئامېرىكا سىياسىي تۈزۈم قۇرۇلمىسى ئىككى چوڭ پارتىيەنى قوللايدۇ. كىچىك ياكى يېڭى ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تەسىر كۆرسىتىشىنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرىدۇ.