خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
كولومبىيە ھۇجۇمغا قارشى ئىسرائىلىيە دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پىرېزىدېنت پېترو نېتانياھۇنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى «يېڭى بىر خەلقئارالىق جىنايەت» دەپ ئاتىدى.
كولومبىيە ھۇجۇمغا قارشى ئىسرائىلىيە دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پىرېزىدېنت پېترو نېتانياھۇنىڭ بۇ ھۇجۇمىنى «يېڭى بىر خەلقئارالىق جىنايەت» دەپ ئاتىدى. / Reuters

كولومبىيە پىرېزىدېنتى گۇستاۋو پېترو غەززە قامالىنى يېرىپ ئۆتۈش ئۈچۈن يولغا چىققان پاراخوت ئەترىتىدىكى ئىككى كولومبىيە پۇقراسىنىڭ نازارەتكە ئېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ كولومبىيەدىكى بارلىق دىپلوماتلىرىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشقا بۇيرۇدى.

نازارەتكە ئېلىنغان كولومبىيەلىك مانۇئېلا بېدويا بىلەن لۇنا باررېتو «سۇمۇد» پاراخوت ئەترىتىنىڭ خادىملىرى ئىدى. مەزكۇر ھەرىكەت ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى پاراخوت ئەترىتى «خەتەرلىك رايون» دەپ قارالغان دېڭىز قىرغىقىدىن 150 دېڭىز مىلى يىراقلىققا يېتىپ بارغاندا، بۇ ئىككى كولومبىيەلىك ئايالنى قانۇنسىز نازارەت ئاستىغا ئالغان.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «150 دېڭىز مىلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن... سائەت 23:59 دا (كولومبىيە ۋاقتى 18:59) ئىسرائىلىيە پاراخوتلىرى يېقىنلىشىشقا باشلىدى». باياناتتا يەنە باشقا پاراخوتلارنىڭمۇ «ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ياكى توختىتىلغانلىقى» قەيت قىلىنىپ، بۇ ئەھۋالنىڭ «خەلقئارا قانۇن ۋە جەنۋە كېلىشىملىرىگە خىلاپ» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

پېترو X (ئىلگىرىكى  Twitter) سۇپىسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەگەر بۇ خەۋەرلەر راست بولسا، بۇنىڭ «نېتانياھۇ تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان يېڭى بىر خەلقئارالىق جىنايەت» بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە: «ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان ئەركىن سودا كېلىشىمى دەرھال بىكار قىلىنىدۇ» دېدى.

پېترو 2024-يىلى 5-ئايدا ئىسرائىلىيە بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئۈزگەن بولسىمۇ، بۇ قېتىمقى باياناتى ئارقىلىق ئىسرائىلىيەنىڭ كولومبىيەدىكى بارلىق دىپلوماتلىرىنىڭ دۆلەتتىن دەرھال چىقىپ كېتىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى