تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
فىرانسىيە ساقچىلىرى يۈزلەرچە كىشىنى قولغا ئالدى
فىرانسىيە ساقچىلىرى پارىژ ساينت گېرمان (PSG) كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسىدىن كېيىن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ئەسناسىدا 416 ئادەمنى قولغا ئالدى.
فىرانسىيە ساقچىلىرى يۈزلەرچە كىشىنى قولغا ئالدى
فىرانسىيە ساقچىلىرى يۈزلەرچە كىشىنى قولغا ئالدى / AFP

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسىنىڭ ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش مەقسىتىدە مىڭلارچە كىشىنىڭ كوچىلارغا چىقىشى بىلەن پارتلىغان شىددەتلىك توقۇنۇشلار جەريانىدا 416 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى لورېنت نۇنېز، پارىژدا 280 دىن ئارتۇق تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى. نۇنېز يەتتە ساقچى خادىمى يارالانغان بۇ ۋەقەلەرنى «قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دەپ سۈپەتلىدى.

پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىنى ساقلاپ قالدى

پارىژ ساينت گېرمان (PSG) كوماندىسى شەنبە كۈنى پۇسكاس مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئارسېنال كوماندىسى بىلەن 1-1 نەتىجىدە تەڭلەشكەندىن كېيىن، جازا توپىدا 4-3 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈپ، ياۋروپا چېمپىيونلار بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇق نامىنى ساقلاپ قالدى.

ئارسېنال كوماندىسى 6-مىنۇتتا كاي ھاۋېرتزنىڭ كىرگۈزگەن توپى بىلەن بالدۇرلا ئالدىغا ئۆتكەن ئىدى، ئەمما پارىژ ساينت گېرمان كوماندىسى ئىككىنچى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 65-مىنۇتىدا ئوسمان دەمبەلەنىڭ جازا توپىدىن كىرگۈزگەن توپى بىلەن نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ كېمىسىگە قاراتقان ھۇجۇمىدا ئىككى ئەتكەسچى ئۆلدى
ياۋروپا ياردىمى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىشىنى تېزلەتتى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئۇدا خىلاپلىق قىلىپ، يەنە 9 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولدى
تۈركىيە كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە تەييارلىق قىلىش مەشىقلىرىنى فلورىدادا باشلىدى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلاندى
ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 72 مىڭ 945 كە يەتتى
نۇمان قۇرتۇلمۇش: تۈركىيە ياۋروپانىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن مۇھىم بىر كاپالەت
گىرېتسىيەدە ئىسرائىلىيەلىك ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان پاراخوتقا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى
ناتو بالتىق دېڭىزىدا كىچىك كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە قارىماي لىۋانغا ئىچكىرىلەپ كىرمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پارىس قولتۇقىدىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇملارنى قىلدى
تروپىكال بوران-چاپقۇنى «ژاڭمى» (Jangmi) ياپونىيەگە ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى
كۇۋەيت خەلقئارا ئايرودۇرۇمى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سودا ۋە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھىندونېزىيەگە باردى