سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ
بېيجىڭ ترامپنىڭ ئاركتىكادىكى «خۇدبىنلىق» پىلانى ئۈچۈن خىتاينى باھانە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ
بېيجىڭ: ترامپ خىتاينى باھانە قىلىۋاتىدۇ / AP

بېيجىڭنىڭ بۇ ئىنكاسى ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشنىڭ «رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاركتىكا رايونىنى كونترول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئۈچۈن ئامېرىكا نۇقتىسىدىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدىن كېيىن كەلدى.

بېيجىڭ ۋاشىنگتوننىڭ ئاركتىكا رايونىدىكى «خۇدبىنلىق» مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىتاي ۋە رۇسىيەنى «باھانە» قىلىپ كۆرسەتكەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا ئىنكاس قايتۇردى. بېيجىڭنىڭ بۇ باياناتىدا گىرېنلاندىيەنى كۆزدە تۇتقانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

 خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ماۋنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ئاركتىكا رايونى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، خىتاينىڭ ئاركتىكا رايونىدىكى پائالىيەتلىرى تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا، سىجىل تەرەققىياتقا ۋە خەلقئارا قانۇنغا تۆھپە قوشماقتا. ئامېرىكانىڭ خىتاي ياكى رۇسىيەنى باھانە قىلىپ خۇدبىنلىق بىلەن مەنپەئەت قوغلىشىشىنى قوللىمايمىز. رايوندا پائالىيەت قىلىش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكى بولغان بارلىق دۆلەتلەرگە تولۇق ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك.»

بېيجىڭنىڭ باياناتى، ترامپنىڭ يەكشەنبە كۈنى گىرېنلاندىيەنى بېسىۋېلىشنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن دانىيەگە قاراشلىق ئىستراتېگىيەلىك ئاركتىكا رايونىنىڭ رۇسىيە ياكى خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەندىن كېيىن كەلدى.

 ترامپ فلورىدادىن ۋاشىنگتونغا كېتىۋېتىپ مۇخبىرلارغا: «ئەگەر گىرېنلاندىيەنى ئالمىساق، رۇسىيە ياكى خىتاي گىرېنلاندىيەنى ئالىدۇ، مەن بۇنىڭغا يول قويمايمەن... ئەمما قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز گىرېنلاندىيەنى ئالىمىز» دەپ بايانات بەرگەن ئىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ترامپنىڭ باشقا بىر دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى بېسىۋېلىشقا ئۇرۇنۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا ماۋنىڭ: «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ پىرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا بولۇشى كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ