ترامىپنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زىيارىتىدە سۈنئىي ئەقىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ

ئەگەر پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تەكلىپ قىلىنغان بارلىق ئۆزەك (چىپ) كېلىشىملىرى ئەمەلىيلەشسە، مەزكۇر رايون ئامېرىكا ۋە خىتايدىن كېيىن دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىدە ئۈچىنچى كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىدۇ.

ترامپنىڭ زىيارىتىدە سۈنئىي ئەقىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. سۈرەت: رويتېرس / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۈگۈن (15-ماي) قاتاردىكى قىسقا زىيارىتىنى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا قىلىدىغان نۇتۇقى بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە بارىدۇ. پارس قولتۇقىدىكى باي دۆلەتنىڭ بىرى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدە دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتۈش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

چارشەنبە كۈنى (14-ماي) خەۋەر قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىنۋىدىيا (Nvidia) نىڭ ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى بۇ يىل (2025) دىن باشلاپ يىلىغا 500 مىڭ دانە ئىمپورت قىلىشقا يول قويىدىغان كېلىشىم رامكىسى ھاسىل قىلغان.

سۈنئىي ئەقىل زىيارەتنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى

بۇ كېلىشىم سۈنئىي ئەقىل مودېللىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان سانلىق مەلۇمات مەركەزلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ. ئەمما بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بەزى تارماقلىرىدا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇپ، شەرتلەر ئۆزگىرىشى مۇمكىن.

ترامپنىڭ پارس قولتۇقى رايونىدىكى تۆت كۈنلۈك سەپىرى جەريانىدا بىر قاتار سودا كېلىشىملىرى ئىمزالاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاتار ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ 210 دانە بويىن كەڭ گەۋدىلىك ئايروپىلان سېتىۋېلىشى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكاغا 600 مىليارد دوللارلىق مەبلەغ سېلىش ۋەدىسى ۋە ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا 142 مىليارد دوللارلىق قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشى بار.

سۈنئىي ئەقىل دىققەت مەركىزىدە

زىيارەتتە قويۇق دىپلوماتىك پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. ترامپ سەيشەنبە كۈنى (13-ماي) تۇيۇقسىز بايانات بېرىپ، ئامېرىكانىڭ سۈرىيەگە قارىتىلغان ئۇزۇن مۇددەتلىك جازاسىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ئاندىن سۈرىيە يېڭى رەھبىرى ئەھمەت شارا بىلەن كۆرۈشتى.

پەيشەنبە كۈنى (15-ماي) ترامپ دوھانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى چۆلگە جايلاشقان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ چوڭ ئامېرىكا ھەربىي بازىسى بولغان ئەل-ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە نۇتۇق سۆزلەيدۇ. ئاندىن ئەبۇزەبىگە قاراپ ئۇچۇپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئەمىرى شەيخ مۇھەممەد بىن زايىد ئەل ناھيان ۋە باشقا رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشىدۇ.

ترامپنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا سۈنئىي ئەقىلنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇشى كۈتۈلمەكتە.

سابىق پىرېزىدېنت جو بايدىننىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە باشقا رايونلارغا ئېكسپورت قىلىنىشىغا قاتتىق نازارەتچىلىك ئورناتقانىدى. بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەندىشىلىرى ئىچىدە قىممەتلىك يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەرنىڭ خىتايغا ئېكىسپوت قىلىنىشى ۋە بېيجىڭنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشى بار ئىدى.

ترامپ بەزى پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشنى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرىدىن بىرى قىلدى. پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدە، بولۇپمۇ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە تەكلىپ قىلىنغان بارلىق ئۆزەك كېلىشىملىرى ئەمەلىيلەشسە، مەزكۇر رايون ئامېرىكا ۋە خىتايدىن كېيىن دۇنياۋى سۈنئىي ئەقىل رىقابىتىدە ئۈچىنچى كۈچ مەركىزىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.