تۈركىيە پاراخوت ھۇجۇملىرىنىڭ كۆپىيىشىدىن كېيىن يېڭى بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈشنى تەكلىپ قىلدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان قارا دېڭىزدا تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ھۇجۇملارنىڭ كۆپىيىشىدىن كېيىن، تەرەپلەرنى «چەكلىك دائىرىدە بىخەتەرلىك كېلىشىمى تۈزۈش»كە چاقىردى.

By
2025-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھاكان فىدان TVNET قانىلىنىڭ جانلىق تارقىتىش جەريانىدا سۆزلەۋاتىدۇ. / Anadolu Agency

تۈركىيە يېقىندىن بۇيان تۈركىيەگە ئالاقىدار پاراخوتلارنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەلىرىنىڭ رايون سودا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىشى ۋە ئۇرۇشنىڭ رايونغا كېڭىيىپ كېتىش خەۋپى ھەققىدىكى ئەندىشىلەرنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، قارا دېڭىز ئۈچۈن مەخسۇس بىر بىخەتەرلىك تەرتىپى ئورنىتىشنى تەكلىپ قىلدى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان شەنبە كۈنى بايانات بېرىپ، ئەگەر كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش توختىتىش ۋە تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنمىغان تەقدىردىمۇ، تەرەپلەر بىلەن ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەرمەسلىك ۋە قارا دېڭىزدىكى سودا قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خاقان فىدان تۈركىيە بىلەن ب د ت نىڭ 2022-يىلى مۇرەسسە قىلىشى نەتىجىسىدە ئىمزالانغان ئۇكرائىنا ئاشلىقىنىڭ بىخەتەر ئېكسپورت قىلىنىشىغا يول ئاچقان «قارا دېڭىز ئاشلىق كېلىشىمى»نىڭ، ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ بارلىق پاراخوتلارنى ھۇجۇم نىشانى بولۇشتىن ساقلاپ قالغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سودىنى قوغداش ئۈچۈن شۇنىڭغا ئوخشاش بىر كېلىشىم تۈزۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ: «ھازىر خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، (سودا پاراخوتلىرىنى) ئايرىم بىر بىخەتەرلىك دائىرىسىگە ئېلىش ئېھتىياجى تۇغۇلدى» دېدى.

خاقان فىدان بۇ سۆزلەرنى قارا دېڭىزدا ئاپتەپپەرەس مېيى توشۇۋاتقان بىر تۈركىيە پاراخوتىغا قىلىنغان ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇملاردىن كېيىن قىلدى؛ 11 نەپەر پاراخوت خادىمىنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئىتتەرگەن بۇ ۋەقە، ئىككى كۈن ئىچىدە تۈركىيە پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

«خۇداغا شۈكۈر، بۈگۈنگە قەدەر ھېچقانداق بىر تۈرك كېمە خادىمى يارىلانمىدى» دېگەن خاقان فىدان، تۈركىيەنىڭ ۋەقەلەرنى «يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ھۇجۇمدىن كېيىن ئۇكرائىنا دېڭىز ئارمىيەسى پاراخوت مىسىرغا قاراپ كېتىۋاتقاندا رۇسىيەنىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بۇ ھۇجۇمنى «رۇسىيەنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئوچۇق-ئاشكارا خىرىس قىلىشى» دەپ باھالاپ، ئۆچ ئالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ قارا دېڭىزنى مۇقىملاشتۇرۇش چاقىرىقى

ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىينىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى، بىر كۈن بۇرۇن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ رۇسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن چاغدا، قارا دېڭىزنى بىر «ھېسابلىشىش مەيدانى»غا ئايلاندۇرماسلىق توغرىسىدا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان جۈمە كۈنى مۇنداق دېگەنىدى: «قارا دېڭىز بىر ھېسابلىشىش مەيدانى دەپ قارالماسلىقى كېرەك. بۇنداق بىر ئەھۋال رۇسىيە ۋە ئۇكرائىناغا زىياندىن باشقا ھېچقانداق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ. قارا دېڭىزدىكى قاتناش بىخەتەرلىكىگە ھەممەيلەننىڭ ئېھتىياجى بار.»

ھۇجۇمغا ئۇچرىغان تۈركىيە پاراخوتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتى ئۈچۈن بىخەتەر ئۆتكەل ھازىرلاشنى مەقسەت قىلغان ئاشلىق كارىدورىنى ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنانىڭ مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونىدا پائالىيەت قىلىۋاتاتتى.

مەزكۇر جىددىيچىلىك، ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك دېڭىز ھۇجۇملىرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر مەزگىلىگە توغرا كەلدى.

خەتەرلىك دېڭىز...

كىيېۋ بۇ يىل موسكۋانىڭ ئۇرۇش خىراجىتىنى قامداش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، رۇسىيەنىڭ نېفىت بازىلىرىغا قارىتا كۆپ ساندىكى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى.

ھەر كۈنى مىليونلارچە ۋارىل نېفىت رۇسىيە پورتلىرىدىن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ۋە چاناققەلئە بوغۇزلىرى ئارقىلىق جەنۇبقا، يەنى ئوتتۇرا دېڭىزغا توشۇلىدىغان بولۇپ، تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك پاراخوتلار بارغانسېرى كۆپرەك بۇ ھۇجۇملارنىڭ نىشانىغا ئايلىنىپ قالماقتا.

دېكابىر ئېيىنىڭ بېشىدا ئەنقەرە ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئۇكرائىنا باش ئەلچىسى ۋە رۇسىيەنىڭ ۋاقىتلىق ئىش بېجىرگۈچىسىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىرتتى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ خىل ھۇجۇملارنىڭ ئەندىشىلىك بىر جىددىيچىلىكنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ھېچقانداق شەكىلدە ئاقلىغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇكرائىنا تەرەپ ھۇجۇملاردا ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق رولى بار-يوقلۇقى ھەققىدە ئىجابىي ياكى سەلبىي ئىنكاس قايتۇرمىدى.

2022-يىلى فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ئىشغالىيەت ئۇرۇشىنى باشلىغان رۇسىيە، ئۇكرائىنانى دېڭىز قاراقچىلىقى بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، نېفىت پاراخوتلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملارغا جاۋابەن ئۇكرائىنانىڭ دېڭىز قاتناش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاش بىلەن تەھدىت سالدى.