ئېلىپ بېرىلغان يېپيېڭى بىر تەتقىقات نەتىجىسى شۇنى كۆرسەتتىكى، تور پەردە سۈرەتلىرى بىر كىشىنىڭ «ئالزىمېر» كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى، كېسەللىك ئالامەتلىرى تېخى ئوتتۇرىغا چىقىشتىن نەچچە يىل بۇرۇنلا بېكىتىپ چىقىشقا ياردەم بېرەلەيدىكەن.
كۆزنىڭ ئارقا قىسمىغا جايلاشقان، شۇنداقلا يورۇقلۇققا ئىنتايىن سەزگۈر بولغان بۇ توقۇلما — يەنى تور پەردە ئۆزىدە كۆپ مىقداردىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قاتلىمىنى مۇجەسسەملىگەن. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ رايوندا يۈز بەرگەن كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىڭمۇ مېڭىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا يوشۇرۇن يېتىلىۋاتقان ۋە تېخى سىرتتىن بايقالمىغان مەسىلىلەرنىڭ ئەڭ ئېنىق بېشارەتچىسى بولالايدىغانلىقىنى تەكىتلەشمەكتە.
سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق ئونمىڭلىغان كۆز سۈرىتى تەكشۈرۈپ چىقىلدى
«فلورىدا ئۇنىۋېرسىتېتى»نىڭ بىيومېدىتسىنا ئىنژېنېرى روگۇ فاڭ باشچىلىقىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسى كەڭ دائىرىلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن پايدىلىنىپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنىڭ تەخمىنەن 63 مىڭ پارچە تور پەردە سۈرىتىنى «سۈنئىي ئەقىل» تېخنىكىسى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ چىقتى.
ئۇلار تەرەققىي قىلدۇرغان «چوڭقۇر ئۆگىنىش مودېللىرى»؛ ياش، جىنسىيەت، تاماكا چېكىش، ئۇيقۇ كۈنتەرتىپى، چۈشكۈنلۈك ۋە قان بېسىمى قاتارلىق «ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولغان نۇرغۇن ئامىللارنى ئىنچىكىلىك بىلەن تەھلىل قىلدى.
قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، كېيىنكى يىللاردا «ئالزىمېر» كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلۇش ئېھتىمالى بولغان كىشىلەرنىڭ تور پەردىلىرىدە ئىنتايىن ئىنچىكە قۇرۇلمىلىق ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكى بايقالغان.
ئالاھىدە قىلىپ ئېيتقاندا، قىل تومۇرلاردىكى تارىيىشلار، تومۇر قېتىشىش، تومۇر زىچلىقىنىڭ ئازىيىشى ۋە كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ نېپىزلىشىشى قاتارلىق تور پەردە قېرىش ئالامەتلىرىنىڭ، دەل «ئالزىمېر» كېسىلىنىڭ تەرەققىي قىلىش خەۋپى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەيدىغانلىقى كۆرۈلگەن.
بالدۇر داۋالاش ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك سېنزورلۇق رولىنى ئوينايدۇ
مۇتەخەسسىسلەر، نۆۋەتتىكى دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرىنىڭ ئادەتتە كېسەللىكنىڭ كېچىكىپ قالغان باسقۇچلىرىغا، يەنى تېببىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئۈچۈن بەكلا كېچىكىپ كەتكەن جەريانلارغا مەركەزلىشىپ قالىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتمەكتە.
كۆز تور پەردىسىنىڭ ساغلاملىقىغا ئوخشاش يېڭى ئەۋلاد بىئولوگىيەلىك كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ۋاقتىدا تەكشۈرۈلۈشى بولسا، خەتەر ئاستىدىكى بىمارلارنىڭ ئىنتايىن بالدۇرلا بايقاپ چىقىلىشىغا، زۆرۈر بولغان تەكشۈرۈشلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىشىغا، شۇنداقلا تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كېسەللىك خەۋپىنىڭ يېنىكلىتىلىشىگە ئالتۇندەك پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.
تور پەردە سۈرەتلىرى بۈگۈنكى كۈندە دىئابېت، كۆك سۇ ياكى كۆزگە ئاق چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان بىمارلار ئۈچۈن ئاللىقاچان كۈندىلىك سۈرەتكە تارتىلىپ تەكشۈرۈلۈپ تۇرماقتا. بۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دېمانس («زېھىن ئاجىزلىقى») خەۋپىگە ئالاقىدار يىپ ئۇچلىرىنىمۇ ئۆزىدە يوشۇرۇپ تۇرۇشى، مېڭە كېسەللىكلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەرزان تەننەرخلىق ۋە ئاسان قولغا كېلىدىغان مۇھىم بىر سانلىق مەلۇمات مەنبەسى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، تور پەردە پەقەت مېڭىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل بەدەن ساغلاملىقى ۋە سۆڭەك قۇرۇلمىسى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن ئۇچۇرلارنى بېرەلەيدىغان، گەۋدىلەشكەن بىر خىل «بىئولوگىيەلىك سېنزور»غا ئوخشاش خىزمەت قىلالايدىكەن.

















