ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
غەززەگە ياردەم بېرىش پاراخوت ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي گىرېتسىيەدىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا.
ياردەم ئەترىتى ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا
ئىسرائىلىيەنىڭ تەھدىتىگە قارىماي، ياردەم ئەترىتى غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشقا تەييارلانماقتا / Reuters

ئىسرائىلىيە غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ باشلىرىدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پاراخوتلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم فىلوتىنى قوغداش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتتى.

خەلقئارا غەززەگە ياردەم بېرىش فىلوتى جۈمە كۈنى گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدىن ئايرىلىپ، غەززەگە قاراپ يولغا چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. تەشكىللىگۈچىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ پاراخوتلارنىڭ ئۇرۇش ۋەيران قىلىۋەتكەن رايونغا كىرىشىنى توسۇش ئۈچۈن ھەرقانداق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، بۇ قارارنى چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

«Global Sumud» ناملىق بۇ ياردەم فىلوتى تەخمىنەن 50 پۇقراۋى پاراخوت بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە يۈرگۈزۈۋاتقان دېڭىز قامالىنى بۇزۇشقا تىرىشماقتا. ئىسرائىلىيە بولسا بۇ ھەرىكەتكە قاتتىق قارشى چىقماقتا. فىلوتتا نۇرغۇن ئادۋوكاتلار، پارلامېنت ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بار. فىلوتنىڭ ئاقدېڭىزدىن ئۆتۈشى بولۇپمۇ بۇ ھەپتە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى جاكارلانغاندىن كېيىن، خەلقئارا جىددىيچىلىكنى ئەۋج ئالدۇرۇۋەتتى. ھۇجۇمدا ھېچكىم يارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىتالىيە ۋە ئىسپانىيە فىلوتتىكى ئۆز پۇقرالىرى ۋە باشقا ياۋروپالىق پۇقرالارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ھەربىي پاراخوتلىرىنى ئەۋەتتى.

گىرېتسىيە فىلوتنىڭ گىرېتسىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىدە بىخەتەر ھەرىكەت قىلىشى كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەمما فىلوت جۈمە كۈنى يولغا چىققاندا شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىگە قايتىشقا مەجبۇر بولىدۇ. تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پاراخوتلار كېلەر ھەپتىنىڭ باشلىرىدا غەززەگە يېتىپ بېرىشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن.

 «بىز ئۈمىد ۋە ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىۋاتىمىز»

 

غەززەنى دېڭىزدىن قامال قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيە، فىلوتنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ تۈرنىڭ پەقەت ھاماسقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. فىلوت ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئىسرائىلىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئەيىبلەشكە بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرمىدى، ئەمما فىلوتنىڭ ئىنسانىي ياردەملەرنى غەززەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمايدىكەن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇردى.

 فىلوتنىڭ گىرېتسىيەدىن يولغا چىقىشنىڭ دەل ۋاقتى ئېنىق ئەمەس. تەشكىللىگۈچىلەر جۈمە كۈنى يول باشلىغۇچى پاراخوتلاردىن بىرىدە كاشىلا چىققانلىقىنى، ئەمما يەنىلا يولغا چىقىش تەييارلىقلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى. ئىتالىيە ياردەم ماتېرىياللىرىنىڭ قىبرىس ئارىلىغا چۈشۈرۈلۈشىنى، ئاندىن قۇددۇستىكى كاتولىك چېركاۋىنىڭ لاتىن پاترىكخانىسىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق غەززە ئاھالىسىگە تارقىتىپ بېرىلىشىنى تەكلىپ قىلدى.

ئىسرائىلىيە بۇ تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما فىلوت بۇ تەكلىپنى رەت قىلدى.

 ئىتالىيە فىلوتنى يولىنى داۋاملاشتۇرماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى

 

ئىتالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلوتتىكى ئىتالىيە ئەزالىرىغا ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرماسلىق توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىدى ۋە ئەگەر ئۇلار گىرېتسىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقىشنى خالىسا، قايتىش ياردىمى تەكلىپ قىلدى. مىنىستىرلىق، ئورۇنلاشتۇرغان ھەربىي پاراخوتنىڭ  پەقەت دېڭىزدىن قۇتقۇزۇش ياكى ئىنسانىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈنلا ئارىلىشالايدىغانلىقىنى ۋە «قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر» ھېچكىمگە قارشى مۇداپىئە ياكى ھۇجۇم خاراكتېرلىك ھەربىي مانېۋرلارغا قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق پائالىيەتچىلەرگە: «ۋەزىپىنى داۋاملاشتۇرغان ھەربىر كىشى بارلىق خەتەرنى ئۈستىگە ئالىدۇ ۋە بۇلار ئۈچۈن شەخسەن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى 10-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ غەززەدە ئۇدا ئىككى يىلدىن  بۇيان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۇرۇشىنى داۋاملاشتۇرماقتا. غەززەدىكى سەھىيە خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرى 65 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، كۆپ ساندىكى بىنالارنى ۋەيران قىلغان ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىرنەچچە قېتىم ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئىسرائىلىيە يولغا قويۇۋاتقان ئاچارچىلىق بۇ رايوندا تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق ئالىي سوت كېڭىشىنىڭ باشلىقى زەيداننى قوبۇل قىلدى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گۈلەر مولدوۋا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئوسموچېسكۇ بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ھەمكارلىق ۋە ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسى كەركۈكتىكى  شېھىتگاھلىقنى رېمونت قىلىش خىزمىتىنى باشلىدى
ئالىملار مېڭە سۈرئىتىدە ئىشلەيدىغان ئۆزەك ئىجاد قىلدى
ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەززەيدى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
ئەردوغان: كېڭەش دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى ئۇچۇر-ئالاقە ئىقتىدارىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان: كېلەچەك ئىستىقبالنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدىغان كۈچلۈك تەسەۋۋۇرنى روياپقا چىقىرىۋاتىمىز
ماكرون فىرانسىيەگە ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتكەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى
ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا قۇرئان تىلاۋىتى ئاڭلىتىدىغان رادىيونى تاقىۋەتتى
تۈركىيە ئىسپانىيەدىن كېيىن فىرانسىيەگىمۇ ئوت  ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ئەۋەتتى
ئىراق باش مىنىستىرى زەيدى تۈركىيەگە كېلىدۇ
مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرسوي ئامېرىكانىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بارراكنى قوبۇل قىلدى
سۇدان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سالىم تۈركىيەگە كېلىدۇ
پادىشاھ چارلىز كامبرىجدا تۈركىيەنىڭمۇ قوللىشى بىلەن سېلىنغان بىر جامەنى زىيارەت قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان: ئۇكرائىناغا ناھايىتى نەتىجىلىك بىر زىيارەت ئېلىپ باردۇق
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى